تەس بولدى
ئابدۇرېھىمجان مەمتىمىن (قاينام)
تەس بولدى دۇنيادا غەمسىز ياشىماق ،
ئازاپلار تىلغايدۇ يۈرەكنى ھەردەم .
ئەركەككە ياراشماس كۆز ياش دىدىلەر ،
نە سەۋەپ ياش تۆكمەي كەلسە دەرت ئەلەم .

تۇرمۇشنىڭ بېسىمى ھەممىدىن ئارتۇق ،
ئۆز جۈپتىڭ قىلماسكەن ئۈزۈڭگە ۋاپا .
ئېچىلماس چىرايى جاننى بەرسەڭمۇ ،
ئۈيۈم دەپ بالام دەپ تارتساڭمۇ جاپا .

چىدىماق ئاسانمۇ قات قات زۇلۇمغا ،
ياشىماق گۇناھمۇ ياكى جاھاندا .
چارىسىز قالغاندا ھەممە قاچاركەن ،
جىمى سەت كۆرۈنەر يالغۇز قالغاندا .

توختىماس تۈگىمەس يىگىتنىڭ دەردى ،
چۈشەنمەس بەرىبىر ھېچقانداق ئىنسان .
تەقدىرگە تەن بىرىپ ياشاش توغرىمۇ ؟
چارىسى بارمۇ يا ئۇنىڭدىن ئاسان ؟

چىداركەن ھەممىگە چىن ئەركەك دىگەن ،
غۇرۇرى يۆلەركەن كەلسە دەرت ئەلەم .
ئاچچىق يۈتۈپ يۈرسىمۇ ئايلاپ ۋە يىللاپ ،
چاندۇرماستىن كۈلۈپلا ئۆتەركەن ھەردەم .
ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئەسەر شىنجاڭ قاينام مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئاۋازغا ئېلىنغان ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار ئاپتۇر نامى بىلەن تارقىتىشىڭلارنى سورايمەن ، ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرمەڭ !
ئاپتۇر ئۈندىدارى : kaynam854
| 236 قېتىم كۆرۈلدى | Qaynam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-28 1:45:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|