سالام سىزگە ئۆتكۈر ئەپەندى
يازغۇچى: دىيانەت ھەققانىي
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
سەرىپ قىلـىپ پۈتــۈن ئۆمرىنى،
كىتاب يازغان ئۆتـكۈر ئەپەندى.
بىزلەر ئۈچـۈن باســقان ئىزىــنى،
مىراس قىلغان ئۆتـكۈر ئەپەندى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پۈتكۈل قەۋىم ئـەۋلات يۈزىدىن،
سالام ساڭـا ئۆتــــكۈر ئەپەندى.
ئەندىش قىلما ئەجـداد ئىزىدىن،
داۋام قىــلار ئۆتـــكــۈر ئەپەندى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
سېنــىڭ يازغــان ئاشۇ كىتابتىن،
تەسـىرلەندۇق ئۆتكۈر ئەپەندى.
سەندەك ئىسىل ئۇلۇغ ئالىمدىن،
پەخىرلەنـدۇق ئۆتـكۈر ئەپەندى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پۈتۈن ئۇيغۇر سېنىڭ ئىسمىڭنى،
ئۇلۇغلايــمىز ئۆتـــكۈر ئەپەندى.
تا قىيامــەت قايـــــىم بولغـــۇچە،
ئۇنۇتمايمــــىز ئۆتكۈر ئەپەندى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئۇلـۇغ خۇدا قىلــغان ئىشىڭدىن،
رازى بولســۇن ئۆتـكۈر ئەپەندى.
گۈللەر ئۈنسۇن ياتقان يىرىڭدىن،
جەننەت بولسۇن ئۆتكۈر ئەپەندى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مۇشۇ شېئىرنىڭ ئىمزاسىنى بولسىمۇ ئۆزگەرتمىسەڭلەر،
نامسىز يىتىم قالدۇرمىساڭلار.
2016-12-18-كورلا
| 88 قېتىم كۆرۈلدى | DiyanaT | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 3:30:06 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|