كۆڭۇل دىگەن كۆڭۇل ئىزدەيدۇ
ئاپتۇرى:رەھمىتۇللا تۇرسۇن
كىلىڭ دوستلار ئۇلپەت بۇلايلى،
ئۇلپەتلىشىپ ھال-مۇڭ بۇلايلى.
تۇگىمەيدۇ دۇنيانىڭ غېمى،
غەمدىن بىردەم خالى بۇلايلى.
تاپقان چاغدا ئەزىز دوستلارنى،
دەملەپ بېرەي ئەڭ ئىسىل چاينى.
ئەسكە ئېلىپ خۇرسەن بۇلايلى،
تەڭ ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەن چاغنى.
مەيلى قەھۋە مەيلى زەپە چاي،
مەيلى يالپۇز مەيلى لىمۇن چاي.
كۆڭلۇمدىكى شۇ دوستلىرىمغا،
نىمە ئىچسە مەن شۇنى قۇياي.
گۆش يىگەندىن يالغۇز ئولتۇرۇپ،
دوستلار بىلەن سۈ ئىچكەن ياخشى.
ياخشى كۇرەر ياراتقۇچىمۇ،
دوستى ئۇچۇن سورون تۈزگەننى.
كۆڭۇل دىگەن كۆڭۇل ئىزدەيدۇ
چاي ئىچىشمەك باھانە خالاس.
دوستلۇق ئۇلى مۇستەھكەم بۇلار،
دوستقا ،دوستى قىلسىلا ئىخلاس.
83 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-18 4:09:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|