بەزىلەر
ئاپتۇرى-مەمەتجان سامساق
ئازاپ ئەسىر قىلغان بىرىنى،
مۇھەببەتنىڭ تۇتۇپ قىرىنى،
ھالال جۈپتىن ئايرىپ ئىرىنى ،
غورورى يوق ئىكەن بەزىلەر ـ
ھىجىيىپ قويسا ئىشقىدا كۈيۈپ ـ
جېنىم دەپقويسا جېنىدەك كۈرۈپ ،
ئىشقىۋازلارنى قەلبىدىن سۈيۈپ ـ
ھارام زىنادا يۈرەر بەزىلەر ـ
خىيالنى خام-سۈرگەن تۇرۇقلۇق،
ساداقەتتىن كۆرمەي يۇرۇقلۇق ـ
بەخىت تەلىيىم دائىم سورۇقلۇق ،
شۇنداق قاقشاپ يۈرەر بەزىلەر .
يەتمەك بۇلۇپ جانان ۋەسلىگە،
قاراپ قويماس زىنھار نەسلىگە،
جۇدۇن يەتتى باھار پەسلىگە ـ
غەپلەت ئۇيقۇدا ياتار بەزىلەر ـ
بەزىلەردە ۋىجدان سوتى يوق،
ناپاكلىقتا يۈرەر كۆڭلى توق ـ
شەرمى ھايا تۇتقان قۇلى پوق ،
لەنەت مۆھىرى باسقان بەزىلەرـ
قۇلاق سالسام نالە ئەرزىگە،
ئازاپ كۈيى چىقار لەرزىگە ـ
ھىدايەتلەر يەتمەس قەرزىگە ـ
قەلبى تۇمان ياشار بەزىلەر ـ
جاپا تارىتماي قىلار تاپاۋەت،
ۋەز ئاڭلىماي تۇتار ئاداۋەت ـ
خاتا يولدا چىكەر نادامەت ـ
بەخىتكە زار ئۆتەر بەزىلەر ـ
بۇنداقلارنىڭ سانى ئاشماقتا،
يۈزى بولمىغاچ يۇرىتتىن قاچماقتا ـ
غەزەپ نەپرىتىم تېخى تاشماقتا ،
قارغىشقا لايىق ئىكەن بەزىلەر ـ
ئاتا ئاناڭنىڭ ئۈمۈدى ئىدىڭ،
ناپاك ياشاشقا تۆرەلگەنمىدىڭ ـ
قىلمىشىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يىدىڭ،
توۋا قىلىش قىيىنمۇ ئويلان بەزىلەر ـ
ئاڭلا ئۇيغۇرۇم ئوخشاش بىر مىللەت،
يوقالسۇن بىزدىن يامانخۇي ئىللەت ـ
يىتۈلسۇن ئاڭا ئەڭ گۈزەل خىسلەت ـ
ساپالىق مىللەت بىز - ئاڭلا بەزىلەر ـ
ئاپتۇرى- ئاقسۇ شەھىرى قارتال بازىرىدىن مەمەتجان سامساق
تىلفۇن ئۈندىدار ئالاقە نۇمۇرۇم 15599755288
مۇھەببەت كۈيچىسى. 2016-10-23
| 144 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-23 14:39:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|