ئ‍ىنسان كېتەر ئ‍ادەم بۇلالماي

ئىنسان كېتەر ئادەم بۇلالماي

 

جۇشقۇن ھوشۇر

 

 ماڭالىسىلا ئادەم دېمىگىن،

 ئادىمىيلىك غۇرۇر بولمىسا.

بىلىملىكمۇ قالماس ھايۋاندىن،

شۇ ئىنساندا ئەخلاق بولمىسا.

 

 بىر قاراشتا بەرمىگىن باھا،

 تېشى گۈزەل يۈرەك قارىدۇر.

 ئادەملەردە يوق بولسا غۇرۇر،

ئۇ بىر كۆشەپ ياتقان كالىدۇر.

 

 سېتىلماقتا پۇلغا ۋىجدانلار،

پۇل ھەممىدىن قادىر بولماقتا.

 شۇ ۋەجىدىن ئانا ماكانمۇ،

ئۆز باغرىدا ئىڭراپ ياتماقتا.

 

 ئىسمىمىزلا باركەن ئىنسان دەپ،

كېتىدىكەنمىز ئادەم بۇلالماى.

ئنسان بۇلۇپ مەۋجۈت بولساقمۇ،

 ۋىجدان بىلەن پاك بىر ياشالماي.





325 قېتىم كۆرۈلدى james10 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-20 16:24:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ