ئانا ئەجرى

-ئانا  ئەجىرى-

تۇغۇپ ئۆستۈردۈڭ مېھرىبان ئانا،
بەردىڭ بارچە مېھرىڭنى ماڭا.
بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىرىڭگە لايىق،
تەقدىم قىلاي گۈلدەستە ساڭا .

نى-نى مۇشاققەت جاپا ئالدىدا،
قوشتۇڭ قاتارغا كۆيۈنگەن ماڭا.
قەلبىڭ گويا دەريا كەبى كەڭ،
شۇڭا بارچىدىن ئۇلۇغسەن ئانا.

مەن ئۈچۈن كۆپ جاپا تارىتتىڭ ئانا،
ئەمدى مەن قىلغايمەن بۇرچۇمنى ئادا.
ئەجرىڭنى قايتۇراي دىگەندە ئەمدى،
يوق بولدۇڭ نەلەردە قايداسەن -قايدا.
     





49 قېتىم كۆرۈلدى چىچەك ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-15 21:50:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ