… ئۆزۈمنى ئىزدەپ …
(چاچما شىئىر )
« چىچەك كاشغەرى مۇنىرە »
كىتىۋاتىمەن ،كىتىۋاتىمەن …
بىراق نەگە ماڭدىم ھېچ ،
بىلمەيۋاتىمەن .
ئۇ…
جاھاننىڭ ئەركىسى ئىدى،
پۈتۈن جاھاننىڭ ئەركىنى ئىدى.
بىراق يوقالدى،
تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،
ئىزىمۇ قالمىدى .
نەدىن تاپاي !؟
تىكەنلەر ئارسىدىنمۇ ؟
چىمەنلەر ئارسىدىنمۇ ؟
ئۇھ !!!
تېپىۋالدىم ئاخىرى،
بىرجۈپ كۆزىنى .
ئۈنچىگە تىزىلغان شىرىن سۆزىنى.
تىكەنگە سانجىلىپ قاپتۇ،
ئالمىدەك يۈرىكى .
قانلار ئېقىپ چىقىۋاتىدۇ،
يوقاپتۇ مېھرى .
ئىزىنى كۆردۈم ،
نەدە دىمەمسىز ؟
سازلىقنىڭ ئوتتۇرىدا تەلمۈرۈپ،
ئەركىن قەدەملەرگە تەلپۈنۈپ.
بولدى خەيىر سۆزلىمەي،
مەن ئۇلارنى تېپىۋالاي.
ئۆز-ئۆزۈمنى تېپىپ چىقىپ،
رەتلىك قۇرۇپ تىزىۋالاي .
2016.11.11.(جۈمە)
| 79 قېتىم كۆرۈلدى | چىچەك كاشغەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-13 16:44:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|