تەنھالىق قوشقى
ئېلىجان ئابدۇكېرەم ( بارچۇق ئوغلى )
ئىشتەي ساقلاپ ئالمىغا،
ئۇچراپتىمەن چالمىغا.
ئىشەنمىسەم بولۇپتىكەن،
كۆڭۈل دېگەن لالمىغا.
يامان ئىكەن جۇدالىق،
جاندىن ئۆتتى تەنھالىق.
بۇ سۆيگۈنىڭ ئالدىدا،
قالدىم ئەجەب مەن خالىق.
ئۇچرىغانغا تەلمۈرۈپ،
تەنھالىقتا يۈرگۈم يوق.
يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلسام،
ئۇندىن ئۆزگە دەردىم يوق.
نەدە باردۇر چىن يۈرەك،
تۇنجى يارغا يەتكۈدەك.
نى جاپالار كەلسىمۇ،
جاننى بېرىپ، سۆيگۈدەك.
ناخشا تېكىستى، ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ
 ئۈندىدار: 2318334127
      
| 38 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-10 10:08:29 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |