ئوخشىمايدۇ كۆل ، ئوخشايدۇ كۆڭۈل
ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن
بىرى مىنىڭدىن شۇنچىلىك يىراق
مەن تۇغۇلـمىغان،شائىر تۇغۇلغان
ئۈزى بەك سۇغۇق ، مېھرى ئىسسىق
شۇ دىيارىمدا .
بىرى يېقىنلا، ناتۇنۇش بولغان ،
تۇنۇش بولىۋاتقان ،
نەچچە قەدەملا ئارلىقىم بولغان
مۇشۇ قېشىمدا .
ئۇنىڭدا قالغان تۇنجى قېتىم
ئىچىمدىن چىققان كۈلكە ئاۋازىم .
سەن بىلەن تۇنجى قېتىم ئايلىنىپ بىللە
بەخت ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىم.
يالغۇز قالغاندا غېرىبلىقىمنى
ئاڭا پىچىرلاپ مىسرا تۈزگۈنۈم.
ئايلىنىپ دائىم كۆلنىڭ بۇيىنى
ئەتەم ھەققىدە خىيال سۈرگۈنۈم.
بۇنىڭدا ئەمدى باشلىنار بولدى
سەن بولـمىغان غېرىب كۈنلىرىم .
كۆل ئۈستىدە جۈپ جۈپ ئۈزىۋاتقان
ئۆدەكلەر بىلەن سېنى ئويلىشىم .
يالغۇز ئولتۇرۇپ كۆلنىڭ بۇيىدا
بىر سېنى ئويلاپ كۈلۈپ كىتىشىم .
ئۈزۈم يالغۇز ئايلىنىپ كۆلنى
يالغۇز يۈرەكنى شامالدىتىشىم .
ئوخشايدۇ مەڭگۈ ئۇلاردا تەڭ ئېقىۋاتقان سۇ
ھەممىلا يەردە ئوخشاش ئاققان قانلىرىمدەك .
ئوخشايدۇ ھەجەپ كۆل بۇيىدا يۈرگەن قىز يىگىت
خۇددى شۇ كۈنى بىللە ماڭغان سەن بىلەن مەندەك .
ھەر ئىككى كۆلدە ئۈزۈپ ئوينىغان ،
دۇنيادا غەمسىز ئاشۇ جۈپ ئۆردەك .
يەنە ئوخشايدۇ بەختىنى تېپىپ شاد كۈلگەنلەر ،
يەنە قانچىلىك ئازاپقا تولغان بەخىتسىز يۈرەك .
ئۇنىڭ بۇيىدا سەن بىلەن بىللە يۈرگەن ئىدىم ،
كۈزۈمگە شۇنچە ئىللىق كۈرىنەتتى دىيارىمدا كۆل .
ئەمما بۇ يەردە كۈنلەر مەنىسىز يېنىمدا سەن يوق ،
بولدۇم مەن غېرىب كۆڭۈل دەيدۇ ئۆل .
تۇزلۇق يېشىمنى كۆلگە ئېقىتىپ ئېيىتتىم كۈلۈپ ،
قۇرۇپ قاقشال بوپ ئۆزۈڭ بېرىپ ئۆل .
مەيلى قەيەردە بولاي ئۆزۈم ، سۆزۈم شۇدۇر ،
بىلىپ قېلىڭلار ئوخشىمايدۇ كۆل ، ئوخشايدۇ كۆڭۈل .
ئۆزگىرىپ كەتسە مەيلى ئۆزگەرسۇن قانچىلىغان كۆل ، ئۆزگەرمەس مەندە بىر ساڭا كۆيگەن بۇ ئاشىق كۆڭۈل .
تىيەنجىن مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋېرىستىتى تۇڭجى كۈلى بۇيىدا يېزىلدى
2016/10/19
43 قېتىم كۆرۈلدى | kutteken | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-6 22:41:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|