چۈش (نەسىر)
مىھىرگۈل نۇرمۇھەممەت
قاپقاراڭغۇلۇقتا كېتىۋاتىمەن ، سەپەرگە . ياخشى كۆرىشىدىغانلىرىم بىلەن . توساتتىن ، ئۇلار  يىراقتىكى بىر دۆڭنىڭ  ئارقىسىغا ئۆتۈپ غايىپ بولۇشتى .
__قېنى سىلەر ؟!  نەگە بارىسىلەر؟! توختاپ تۇرۇڭلار !…
ئۇلار ھېچ  ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس . 
  باقتىم . لەنىتىي دۆڭنىڭ يېنىدا بىر تۈپ دەرەخ ، كېچىدىكى بۇ دەرەخ  خۇددى گىگانىت دىۋىنىڭ ھەيكىلىدەك ماڭا قاراپ تۇراتتى ، سۈرلۈك . 
  
تۈرلۈك تېڭىرقاش ۋە قورقۇنچ  ئىچىدە ، تىپىرلايىتتىم ، ھەريانغا يۇلقۇناتتىم . كۆز ئالدىم بىردىنلا قاراڭغۇلىشىپ ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدىم . نېمە ؟؟! ئۇشتۇمتۇت ھاۋا گۈلدۈرلەپ، ھەممە جاينى ۋەھىمە  قاپلىدى . كۈچلۈك چاقماق ئاۋازىدىن خامۇش بولغان تېنىمنى ئاللىقاياقلارغا سۆرەپ كېتىۋاتىمەن ... 
 كۆرگۈلۈك ؟؟! شۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن بىر ئىتنىڭ ماڭا قاراپ شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ، غۇۋا ئېسىمدە قېلىشىچە غۇۋا كۆرۈپ قالدىم  . تېنىم شۈركەندى ، ئەقلىم سىلكىندى  ھەم ، ئارقىمغا ئۆرۈلۈپ قاچتىم . كېچىدەك قارا ئىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا ئالدىمدىكى پەرق ئەتكۈسىز قاراڭغۇلۇققا ئۆزۈمنى ئېتىۋاتىمەن  ... 
  
كىمدۇر بىرىگە :«مېنى قۇتقۇزغىن !!! » دەيتتىم ئىچىمدە ... 
يۈرەك زەرداپ ، ھال ئېغىر ... ۋاز كەچمەكچى بولدۇم ، شۇ پەيت ئالدىمغا يەككە تاملىق بىر ئۆي ئۇچرىدى ، ئارتۇق ئويغا ئويۇم يەتمەي دېرىزىگە ياماشتىم . تەلىيىمگە قارا ئىتنىڭ شۆلگەي تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاغزى ماڭا يەتمىدى . 
  
قاتتىق گۈلدۈرماما يەنە ، چۆچۈدۈم ، بىئىختىيار ئاسمانغا قارىدىم . يامغۇر ئەمەس، يۇلتۇزلار تۆكۈلىۋاتاتتى  ... مىڭ توۋا !!! ئايمۇ توختىماي پىرقىراۋاتىدىغۇ !!؟ ...
پۇت -قوللىرىمدا نە جان قالمىدى ، نە دەرمان . يېتىرقاش ، ئەلەم ، ۋە قورقۇنچتىن بوغۇزۇم قىسىلدى ، نەپسىم سىقىلدى ، يۈرۈكۈمگە يىغا ياماشتى شۇئان ...
  
       ... ...
شۈكرى ، ئايلىنىپ كېتىشىمدىن بۇرۇن ئويغىنىپ كەتتىم . 
قاباھەتلىك چۈش !!!
كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىق بىر ھازا خىيالىمدىن كەچتى .
__ ياق !!! ، دېدىم ئۆزۈمگە ،__ بۇ چۈش ئەمەس، بەلكى،  قاباھەتلىك رىئاللىق ! رىئاللىق بۇ !! چۈشۈم بولۇپ قېلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم- ھە!؟ 
__ ئەي، ئازاب دەستىدىن پالەچلەنگەن روھ ...__ دېدىڭ . 
__ بۇمۇ بىر بەخىت ،__ دەيمەن ئۆز ئۆزۈمگە .
      
| 246 قېتىم كۆرۈلدى | مىھىرگۈل نۇرمۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-29 5:16:36 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2017-4-7 7:12:31 | مىھرى | 
| ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت | |
| 2017-4-1 2:10:52 | ئادىلجان | 
| تىلى گۈزەل يېقىملىق بوپتۇ تېخىمۇ تىرىشىڭ. | |
| 2017-3-30 7:07:12 | نۇرىمانگۈل | 
| ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،مەنزىر تەسۋىرى ۋە تىلى ناھايتى جانلىق ئىشلىتىلىپتۇ. تىرىشىڭ مىھرىگۈل 🍀🍀🍀 | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |