جۇدالىق دەشتى - ئ‍ىمىنجان ئابدۇرىھىم

جۇدالىق دەشتى

ئ‍ىمىنجان ئابدۇرىھىم


 كەچ كىرسە تاڭ ئ‍اتمايدۇ ئ‍اشىقلارغا ،
كۈندۈزنى كەچكە ئ‍ۇلاش ئ‍ۇنىڭدىن تەس·
لەززەتلىك تائاملارنىڭ ھوزۇرى يوق،
كىيگىنى سانسىز مىقتۇر كىيىم ئ‍ەمەس،

باغچىلار  چىللىمايدۇ يالغۇزلارنى،
ئ‍ىزى يوق ئۇنىڭ كەچلىك كولۇبلاردا·
ئ‍اي تولغان كېچلەرمۇ ئ‍اشىق ئ‍ۈچۈن،
ئ‍وخشايدۇ قاپقاراڭغۇ بۇلۇتلارغا·

تاملىرى مۇزدەك سوغۇق ئ‍ۆيلىرىنىڭ،
قازان- قومۇش تۆشۈكلىرى ياتسىرايدۇ·
جۇدالىق چۆل دەشتىدە كارۋانلىرى،
سۆيگۈدە چاڭقاقلىقتاھالسىرايدۇ ·

نۇرى قاچقان كۆزلىرىدە قايغۇ ھەسرەت ،
تىكىلىپ تۇرار دائىم  بىر نۇقتىغا ·
ئ‍وت چىقار ئ‍ېغىزىدىن ئ‍ۇھ دېگەندە،
قاپلىغاچ يۈرىكىنى قانلىق يارا·

ئ‍ۇھەتتا چۈشىدىمۇ كۆرمەس ۋىسال ،
چۈشلىرى شۇنچە قەبىي شۇنچەدەھشەت·
ئ‍ىزدەيدۇ يۈرىكىنى ئ‍ېلىپ قولغا،
جۇدالىق دەشتىسىدىن چىن مۇھەببەت ·
     





50 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ىمىنجان ئابدۇرىھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 17:43:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-22 21:24:06 شەرئى
بارىكاللا،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،بۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.سىزگەت تىخىمۇ كاتتا ئۇتۇقلار تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ