سەن گوياكى مىھىرلىك ناخشا

‏سەن گوياكى مىھىرلىك ناخشا

 

www.yazghuqilar.com

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏بار سىنىڭدە مىھىرلىك كۈلكە،

‏بەزلەپ يۈرەر مىسكىن دىللارنى.

 ‏ساخاۋەتتۇر سىنىڭ نىشانىڭ،

 ‏مىھىر بىلەن سىقىش قوللارنى.

 

 ‏ ‏بار سىنىڭدە مىھىرلىك ناخشا،

 ‏مىھىرسىزغا مەڭگۈ ئاڭلانماس.

 ‏مىسكىنلەرگە مىھىر بېغىشلاش،

‏داۋاملاشقاچ قەلبىڭدە تىمتاس. ‏

 

 ‏بار سىنىڭدە ئۆكسىمەس شېئىر،

‏قات-قېتىغا مىھىر يېزىلغان.

 ‏مىھىرلىرى چىچەكلىگەچ ئۇز،

‏مىسكىنلەرگە دەستە تىزىلغان.

 

 ‏ ‏2015-يىل سىنتەبىر باي





171 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-5 2:01:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ