كېلىدۇ دېمە (شېئىر) - ئەزىز

 كېلىدۇ دېمە

ئەزىز

بىر كۈنلىرى كېلىدۇ دېمە،
ئۇ بىر كۈنى كېتىشى مۇمكىن.
ياكى نۇر بوپ ئۇنىڭ سىماسى،
قارچۇقۇڭدا قېتىشى مۇمكىن،

بىر كۈنلىرى كېلىدۇ دېمە،
كۆز ياش بۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن.
ئازاپلاردىن تولغۇنۇپ تۇيغۇڭ،
ئوتلىرىدا كۈيۈشۈڭ مۇمكىن.

بىر كۈنلىرى كېلىدۇ دېمە،
چۈشلىرىڭگە كىرىشى مۇمكىن.
ھېسلىرىڭنى ئوغۇرلاپ بىر پەس،
تاڭ سۈزۈلسە كېتىشى مۇمكىن.

بىر كۈنلىرى كېلىدۇ دېمە،
كىتاپلاردىن تېپىشىڭ مۇمكىن.
بارماقلىرىڭ سىلاپ قۇرلارنى،
كۆز ياشلىرىڭ ئېقىشى مۇمكىن.

بىر كۈنلىرى كېلىدۇ دېمە،
ئۇ كۆكلەردە بۇلۇشى مۇمكىن.
يۈزلىرىڭنى سۈيۈپ ئۆتكەندە،
شاماللاردىن تېپىشىڭ مۇمكىن.

20-ئۆكتەبىر





44 قېتىم كۆرۈلدى alsoz ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-2 22:23:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ