تويۇڭغا مۇبارەك
گۈلزىرە مەخمۇت
تويۇڭدا كۆرۈپ سېنى يۈرىكىم ئوينىدى ،
مۇبارەك بولسۇن ،ھەريەردىن سازلار قاينىدى .
ھەمراھ بولالمىساممۇ ساڭا تىلەيمەن بەخت ،
سەندىن يىراق تۇرسۇن قايغۇ ھەم ئەلەم .
ئاق كۆينەك يارىشىپتۇ بولۇپ كېتىپسەن لاتاپەتلىك ،
يۈرىكىڭدىن ئۇرغۇپتۇ خۇشاللىق يۈرۈش-تۇرۇشۇڭ نازاكەتلىك .
دەيمەن ساڭا، سەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈەل كېلنچەك ،
سىياقىڭ بولۇپ قالدى ئابىدە، چۈنكى سەن ئەڭ گۈزەل كېلىنچەك .
قەدەم تاشلىدىڭ يېڭى بىر تۇرمۇشقا ،
ئاۋايلاپ باسقىن قەدىمىڭنى ھەرئىشتا .
تەبەسسۇمىڭ ئۆچمىسۇن، كۈلۈپ يۈرگىن ،
ياخشى كېلىن بولۇپ بەختلىك ئۆتكىن .
تۇرمۇشتا قايغۇ بىلەن خۇشاللىق قوشكېزەك ،
بىر كۈلكە بىر يىغا ھەم سەۋر قىلىش كېرەك .
كېلىنىلىك بۇرچۇڭ ئېسىڭدە بولسۇن ،
ياخشى نام ، ياخشى ئەمەل نېسىپ بولسۇن .
كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر كۆڭۈل ،
كۆڭۈل نازۇك نەرسە ، مىجەزىڭ بولسۇن ئېسىل .
ئادەمگەرچىلىك قېرىمايدۇ ياخشىلىق كۆكلەيدۇ ،
ئەپۇچان ھەم ئېغىر بول ، ھەممە يۆلەيدۇ .

ھەۋەس بىلەن قارايمەن ، بەختىڭگە كۆز تەگمىسۇن ،
تىلەيمەن تىلىكىم شۇكى ، يامانلاردىن يىراق قىلسۇن .
ئەخلاق ئادەم زىننىتى ، بۇ ئېسىڭدە بولسۇن ،
ئەخلاقنى ھەممە خالايدۇ ، مىجەزىڭ ئېسىل بولسۇن .
بەختلىك بولغىن ، ئۆمۈرلۈك بولسۇن نىكاھىڭ ،
ھەممە كۈلسۇن ، خۇشاللىققا چۆمسۈن ، بۇ سېنىڭ تويۇڭ .
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
2016-يىلى 26-نويابىر
| 52 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-26 1:18:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|