قۇربان ھىيىت - خاتىگۈل

         
قۇربان ھىيىت
خاتىگۈل


قىرىنداش ھەم دۇستلارنى جەم قىلدى بۇ قۇربان ھىيىت،
مىسكىن ،سولغۇن كۆڭۈلگە مەلھەم بولدى قۇربان ھىيىت.
ئ‍ەجدادىمنىڭ رۇھىغا دۇئا قىلىپ پەرزەنتلەر،
بوۋاي،مۇماي،قىرى-ياشنى خۇش قىلدى بۇ قۇربان ھىيىت.

كۇچا-كۇيلار،ئۆيلەردە قىزىپ كەتتى قۇربان ھىيىت،
نەۋرە،چەۋرە،باللارنى خۇش قىلدى بۇ قۇربان ھىيىت.
ھەممىىسىنىڭ چىھرىرىدە تەبەسسۇملار يالتىرار،
كائىناتقا،يۇرتۇمغا ھۆسنى قۇشقان قۇربان ھىيىت.

قۇربان ھىيىتنىڭ خاسىيتىدىن تەبىئەتمۇ ھەم كۆلدى.
ئ‍ىناقلىقنىڭ مارىشىنى قەلبىگە ھەم چىڭ كۆمدى.
سىنىڭ مىھرىڭ باشقىچە،ئ‍ەلگە ياققا  قۇربان ھىيىت.
ھەممىنى تەڭ خۇش قىلغان بەرىكەتلىك قۇربان ھىيىت.

خاتىگۈل
     





36 قېتىم كۆرۈلدى خاتىگۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-15 22:24:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ