ئۆتۈپ كېتىدۇ
دىلزات ئابدۇماناپ( ئەركە )
كۈز پەسلىگە ئوخشايدۇ ھايات ،
گاھى غازاڭ تۆكۈپ كېتىدۇ .
ئارزۇلىرىڭ بولغاندا بەربات ،
سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كۈتكىنىڭدەك بولماس ھەممە ئىش ،
گاھى قىينار مىڭلىغان تەشۋىش ،
تارتساڭ ئەگەر ئازاپ ۋە كەچمىش ،
سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .
ئەگرى- توقاي ھاياتلىق يولى ،
گاھ توسايدۇ يامانلار قولى ،
تەۋرىگەندە ھاياتىڭ غولى ،
سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .
ھايات گويا شىددەتلىك ئېقىن ،
گاھى كۈلۈپ يىغلايسەن لېكىن،
يامان كۈنلەر كەلگەندە يېقىن ،
سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .
ساختا سۆيگۈ بۇزۇلار ھامان ،
تاشلاپ كېتەر (مەڭگۈلۈك )جانان ،
كۆپۈكلەرگە ئايلانسا ئارمان ،
سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .
باقى ئەمەس ئىنسانغا ئۇزلۇق ،
چۈنكى ، ھامان ئېرىيدۇ مۇزلۇق ؟
يوقلاپ كەلسە سېنى يالغۇزلۇق ،
سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .
ياخشى بىلەن تەغدىرىڭنى قات ،
كۈلسە كۈلگىن ،جاپانى تەڭ تات ،
كۈتكىنىڭدەك بولمىسا ھايات ،
سەبىر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ .
2015.11.16
| 121 قېتىم كۆرۈلدى | delzat8 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-4 12:23:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|