تۈن ئاۋازى

         تۈن ئاۋازى 

(كەچكى مۇڭ)
                                                      

-خاتا چۈشىنىشىڭىدىن قورقىمەن،دەيسەن.
-ياق،خاتا چۈشەنمەيمەن،دېدىم ھەم ئىنتايىن ئېغىرلىق بىلەن ئاڭلىدىم،يەنە شۇ سۆيگۈنۈڭگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى،چاندۇرماستىن تەسەللىي ۋە ئىلھام بەردىم،چۈنكى سېنى سۆيىمەن،سېنىڭ ئازابىڭغا جۆر بولالىغىنمدىن خۇشالمەن…بەلكىم تەسەللىي ئەمەستۇ،سەن قانداق ئويلىدىڭ بىلمىدىم؟؟؟؟
    ئەپسۇس خاتا چۈشىنىشىمدىن قورققىنىڭ قىززىق،بىلەمسەن؟يۈرىكىم ئاغرىيدۇ،نەپسىم سىقىلىپ يۈرىكىمگە ھەر بىر سۆزلرىڭ نەشتەر بولۇپ سانجىلىدۇ،ئاشۇنداق ئاغرىيدۇ…
    كى سەن چۈشەنسەڭ ئىدىڭ،خۇددى ئۆزۈڭ ئېيىتقاندەك مەن سېنڭ دەردىڭنى چۈشەنمەيمەن،ئاشۇنداق سەنمۇ ھەم چۈشەنمەيسەن،چۈشەنسەك ئىدۇق،نە دىل ئازار،نە يۈرەك يارا…
     بەزىدە شۇنداق بىزار بولۇپ قالىمەن،ئۆزۈمدىن،دۇنيادىن،ئەتراپىمدىكىلەردىن،ماڭا مەنسۇپ ھەممىدىن،مەنسۇپ ئەمەس ھەممىدىن،چۈنكى مەن سەۋەپ ھەممە بىزار،چۈنكى مەن سەۋەپ بەخىتسىز،ئۆز كۆڭلىدە،چۈنكى مەن سەۋەپ دىل ئازار،يۈرەك يارا…


2017. 3. 15

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

 






122 قېتىم كۆرۈلدى zumar ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-23 1:53:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ