بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا
ئابدۇسالام روزى
ھەر ئازابلارغا سالساڭمۇ گەرچە،
ھەر قىسمەتكە قويساڭمۇ گەرچە،
ئاچچىق چاقچاق قىلساڭمۇ گەرچە،
بار ئىكەنمەن يادىڭدا مەن دۇنيا .
سەن رىزىقمنى ئايىماي بەردىڭ ،
كەڭ داستىخاننى ئالدىمغا سالدىڭ ،
ئەسلى زاتىمنى يادىمغا سالدىڭ ،
بار ئىكەنمەن يادىڭدا مەن دۇنيا .
كەلدۇق ھەممىمىز ساڭا بوپ مىھمان،
بۇ ئۆتەڭ يول ئۆزۈڭ ساھىبخان ،
ئۆلسەكمۇ گەر قوينىڭدا ھامان ،
بار ئىكەنمەن يادىڭدا مەن دۇنيا .
(پوسكام ) 2015-12-24
| 142 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇسالام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-24 11:51:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|