يولۇقما - مەرۋايىت

 يولۇقما
مەرۋايىت

سەن سەۋەبلىك بولىمەن بەربات،
چۈشكەندەكلا تەقدىرگە پەرمان.
سەن سەۋەبلىك چېكىمەن پەرياد
كەچكەندەكلا مېنىڭدىن دەرمان.
 
يولۇقمىغىن يوللىرىمغا سەن،
قاباھەتنى سېزىمەن ھەرئان.
كىرمە ھەتتا چۈشلىرىمگىمۇ،
كۈنلىرىمنى قىلىسەن ۋەيران.

ھەر قەدىمىم قايرىلسا قىلچە،
كۈلپەت بىلەن بولىمەن گۇمران.
ئارمانلىرىم قالدى يىراقتا،
روھىم بولدى دەردىدە سەرسان.

     





29 قېتىم كۆرۈلدى مەرۋايىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-22 0:36:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ