سەن قانداق ئاتا -ئانا،ئۇ شۇنداق بالا

         سەن قانداق ئاتا-ئانا،ئۇ شۇنداق بالا
                             خەندانە 


          ئانىسى چايغا كەتكەن بالا،دادىسى سورۇنغا كەتكەن بالا،بويۇن قىسىپ قالغان بالا،تىلۋۇزۇر ئىكرانىغا قاراپ،كومپىيۇتىر مائۇسىنى تۇتۇپ ئۇخلاپ قالغان بالا،چۈشىدە ئاپىسى بىلەن،دادىسى بىلەن بىرگە مۆكۈشمەك ئوينىغان بالا،ئاپىسى ئېيتقان  تىلسىم چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ روھىيىتى كۆكلەرگە پەرۋاز قىلغان بالا،تەسەۋۋۇرى قاناتلانغان،شۇندىن بىرى كىتاپقا ،بىلىمگە ئاشىق بولغان بالا…چۆچۈپ ئويغىنىپ يالغۇز ئۆيدە قورقۇپ ئانا قوينىنى ئىستىگەن ئەمما دادىسىنىڭ "قورقۇنچاق "دىيىشىدىن قورقۇپ ،ئانا مىھرىنى تالاشقان ئۇكىسىغا غەزەپلەنگەن بالا،قەلبى قۇرۇق قالغان بالا…
ئەسلىدە تەربىيەلەنسە "ئىدىسۇن" بالا،"ئىينىشتىيىن،بىتخوۋىن" بالا ،كىتاپ بىلىمگە بولغان مۇھەببىتى ئۆز ئاتا ئانىسى تەرىپىدىن يىتىلدۈرىلمىگەنلىكتىن،كىتاپنى سۆيەلمىگەن بالا،ئىلىمگە كۆيەلمىگەن بالا…تەڭداشسىز ئەقلى تالانتى ئېچىلماي مەكتەپتە دۆت ئاتالغان بالا،ئاتا ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن تىخىمۇ يىراقلىغان بالا…نازۇك قەلبى كەمسىتىش،ھاقارەتتىن تىڭىرقىغان،غورۇرى يەكسان بولغان بالا… پەقەت دۇنياغاجىسمىنى  ئاپىرىدە قىلىپ،روھىنى ئاپىرىدە قىلالمىغان ئاتا -ئانىسى تۈپەيلىدىن نابۇت بولغان بالا،بەخىتسىز بالا…
     
      سەن  قانداق ئانا، قانداق ئاتا؟پەرزەنتىڭ  نىمىگە تەشنا؟قوللىرىدىن تۇتۇپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن بىللە مىڭىشقا،قانداق مىڭىشنى،قايسى نىشانغا يىتىشنى كۆرسىتىپ قويۇشقا،ھايات لەززىتىنى ھەقىقى تىتىيالايدىغان قەلىپ-خارەكتىر ۋە ئادەت يىتىلدۇرۇشقا تەشنا…ۋاقتىمىزنى ،زىھنىمىزنى تولۇق بىرىشكە تەشنا،
"ئاپا ،دادابىرگە ئوينايلى"دىگەن شۇ دەقىقىدە سېنىڭ،مىنىڭ  ئىشىمىزنى تاشلاپ، قىزغىن ھەمرا بولۇشىمىزغا تەشنا  شۇ بالا…تىزراق چوڭ بولۇشقا تەقەززا بولغان،چوڭ بولۇپ  ،چوڭلاردەك نوپۇزغا ئىگە بولۇپ،كىچىكلەرنى ئۆز كەيپىياتى بويىچە،رايى بويىچە باشقۇرۇشقا ئالدىرغان ،بالىلىقىغا قانمىغان،ئاتا-ئانىسىنىڭ  ھەقىقى مىھىر مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن بالا  …
       "پەرزەنتىمگە ئاتا قىلىۋاتقان ئانىلىق سۆيگۈم يىتەرلىك  ئەمەسمۇ  ئەجەبا؟! "دەپ تىڭىرقىدىڭ بەلكىم ئەي ئانا،ئۇنداقتا پەرزەنتىڭگە قارا،چوڭ بولغانچە ئۇنىڭ مىجەزىدىن،خارەكتىرىدىن ئەجەپلىنىۋاتقانسەن،ئۈگىنىشنى سۆيمەسلىكىدىن ۋايىم يەۋاتقانسەن…بۇ دەل سىنىڭ پەرۋىشىڭنىڭ نەتىجىسى،ئۇنىڭغا بولغان خاتا سۆيگۈڭنىڭ  ئىپادىسى…پەرزەنىت تېمىسىدىكى  بۇ چوڭ قامۇسنى ياخشى ئوقۇماي تەييارلىقسىزلا ئانا بولغىنىڭ ھەم پەرزەنتتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مۆجىزە،تەڭداشسىز يوشۇرۇن كۈچ-قابىليەت ئېگىسى ئۈچۈن،زۆرۈر ئىلىمنى ئۈگەنمىگەنلىكىڭنىڭ نەتىجىسى ،نەتىجىسى شۇ-- يۈرەك پارەڭ شۇ بالا…
 سەن قانداق ئاتا-ئانا،ئۇشۇنداق بالا…
ھەقىقى سۆيۈشنى ئۈگىنىشىمىزگە تەشنا ھەر بىر بالا


   رامىلە ھامۇت خەندانە
2017-يىل 31-ماي(غۇلجا )

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589

تەكلىپ : ئەسەرنىڭ ئىدىيەسى ئىنىق ، پىكىر رۇشەن بوپتۇ . مومكىن بولسا نەسرىي ئەسەر بولغاچقا لىرىكىلىق خۇسۇسىيتىنى ئاشۇرغان بولساق .      





184 قېتىم كۆرۈلدى رامىلە ھامۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-2 12:48:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ