كىرىكى يۇقتۇر - رەھمىتۇللا تۇرسۇن
كىرىكى يۇقتۇر

رەھمىتۇللا تۇرسۇن

چاڭقىغاندا بولمىغان سۇنىڭ
قانغان چاغدا كىرىكى يۇقتۇر.
يىقىلغاندا كەلمىگەن دوستنىڭ
تۇرغان چاغدا كىرىكى يۇقتۇر.

باھار كىلىپ گۇللەر ئېچىلسا،
خۇشپۇراقلار ھەريان چېچىلسا
گۇلزارلىققا كەلمىگەن قۇشنىڭ
نەغمىسىنىڭ كىرىكى يۇقتۇر

ھەيۋەت چىققان كۇچلۇك شامالدا،
ئ‍ۆچمەس تاشقا مۇھۇر ئ‍ۇرۇلسا.
ياشلىقىڭدا بىلمەي قېرغاندا،
بىلگىنىڭنىڭ كىرىكى يۇقتۇر.

گۇللىتىدۇ ئ‍ىنساننى ئ‍ەبەت،
بىر-بىرىگە بەرگەن مۇھەببەت.
ساداقەتنى پايخان ئ‍ەيلىگەن
مۇھەببەتنىڭ كىرىكى يۇقتۇر.

چاي كەتمەيدۇ ھەرگىز بىر چەينەك،
ئ‍ېلىش ئ‍ۇچۇن كۇڭۇلنى بىلسەك
بەرمەي تۇرۇپ بىر چىمدىم چاينى،
سۆزلىگەننىڭ كىرىكى يۇقتۇر.




40 قېتىم كۆرۈلدى رەھمىتۇللا تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 12:48:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ