گۈللەر مەڭگۈ سۇغىرىلىشقا مۇھتاج
(نەسىر)
گۈلپىيە ئەخمەت خاسنۇر
ئېسىڭدىمۇ ؟ ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ،بىر كۈنى سەن قۇلۇقۇمغا يىنىك پىچىرلاپ تۇرۇپ ”سەن مىنىڭ تاللىۋالغان گۈلۈمسەن ، مەن بىر ئۆمۈر ھاياتىم بىلەن سېنى پەرۋىش قىلىمەن “ دىگەنىدىڭ مەن ئاناردەك قىزىرىپ خىجىللىقتىن بىشىمنى كۆتىرەلمەي يەرگە قاراپ جىم تۇرىۋالغىنىمدا بولسا مىنى خىجىل قىلماي دەپ باشقا گەپكە يۆتكىۋالغانىدىڭ .ئاشۇ چاغدا قەلبىمنى تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان شىرىن ھېسلار چۈمكىگەنىدى .
توغرا سەن مىنى گۈلۈم دەپ بىلەتتىڭ ، خۇددى تىكەن ئەتىگۈل بەرگىسىنى شامال ، قۇم -بورانلاردىن ساقلىغاندەك ھەر ۋاقىت مېنى قوغداشقا تەييار تۇراتتىڭ ، ھاياتىمغا بۆسۈپ كىرگەن شۇ دەقىقىلەردە مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك گۈللەرنىڭ بىرى ھېسابلايتىم ، دېمىسىمۇ مەن بەخىتلىك ئىدىم ، سەن بولغاچقىلا مەن ھەر قېتىملىق تەبئىي ئاپەتلەردىن ساق سالامەت قۇتۇلۇپ قالاتتىم ، ئەسلى مەن بىر يىگانە گۈل ئىدىم ، مەن تەشتەكتە ئۆسكەن ئاجىز گۈللەردىن ئەمەس ئىدىم ، مەن دېھقاننىڭ ياڭراق ئەمگەك ئاۋازى كەتمەيدىغان يىراق دالىلاردا ئۆسكەن گۈل ئىدىم ، سەن مېنى بايقىغانىدىڭ ، ھېچقاچان مىنى تەشتەكتە ئۆسكەن ئاشۇ بىر بىرىدىن چىرايلىق گۈللەر بىلەن سېلىشتۇرمايتىڭ ، سەن دائىم ئاددى ساددىلىقىڭنى ، پاك قەلبىڭگە ئاشىقمەن دەيتىڭ … مەنمۇ سېنىڭ ئويچان كۆزلىرىگە ، غەيرەت شىجائەتكەن تولغان بىر جۈپ قاپقارا كۆزلىرىڭگە ئاشىق ئىدىم .
كۈنلەر شۇنداق داۋام ئەتمەكتە ئىدى ، سۇدىن ئايرىلسا گۈللەرمۇ قۇرۇپ قالاتتى ، خۇددى مەنمۇ سەندىن ئايرىلسام ئۆزۈمنى يوقىتىپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم .گاھى كېچىلەردە تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپمۇ كېتەتتىم ، قوللىرىم دۇئادا ، قەلبىم زىكىردا ئىدى ، ئامان ئېسەنلىكىڭنى، پاك مۇھاببىتىڭنىڭ ئۆزگىرىپ قالماسلىقىنى تىلەيتىم … تەقدىر ماڭا تولىمۇ بىمەنە چاقچاق قلغانىدى ، مەن بىر تال بەرگىمدىن ياشلا ئايرىلىپ قالدىم ، سەن بەرگىسىز گۈلنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرەلمىدىڭ ، پەرۋىش قىلىشنى خالىمىدىڭ ، بەزى چاغلاردا نىمىشقىدۇر سەندىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ھېس قىپ قالاتتىم ، شۇنداق چۈشلىرىمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ سەنمۇ بۇرۇنقىدەك ماڭا كۆيۈنمەس بولدۇڭ ، قىسقىسى سەن گۈلۈڭنى سۇغۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغانىدىڭ ، گۈلۈڭ كۈندىن كۈنگە سولىشىپ قۇرۇشقا ئاز قالغاندا بولسا ئاندىن ئۆزۈڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرىڭگە بولسا ئەمەل قىلالمىغىنىڭنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىڭ، ئەمما سەن تولىمۇ كېچىككەنىدىڭ ، ئىسمىمنى توۋلاپ ئۆزۈڭمۇ بىلىپ مەڭزىڭدىن ياش تامچىغان شۇ كۈنى كەچ مەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلدىم ، بارچە ئازاپنى يەلكەمگە ئارتىپ بۇ دۇنيادىن جىممىدە كىتىپ قالدىم .شۇ كۈندىن تارتىپ ساڭا تەۋە بولغان مەن قىسقىسى سەن تاللىۋالغان گۈلۈڭ قۇرىغاندى ، مەيلى ئۇنىڭغا قانچە ئەجىر قىل سۇغۇرغىن ، ئوغۇتلا ئەمدى ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۈلمەيتى …
توغرا ، مەن ئۆزۈمنىڭ ساڭا يۈك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ قەلبىم ئۆلگەنىدى ، يىلتىزىم بولسا ئاستا ئاستا قۇرۇشقا باشلىغاندى ، ئەمما سەن بۇنى پەقەتلا ھېس قىلىپ يەتمىگەنىدىڭ ، خەير ئەمدى مەڭگۈلۈك سېنىڭدىن ئايرىلىدىغان بولدۇم ،ئاخىرقى تىنىقلىرىمدا بولسا مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋىلىشقا ئىجازەت بەرسەڭ ، "گۈل مەڭگۈ سۇغۇرۇشقا مۇھتاج ئىدى ، ئەمما سەن ئۇنى ئۇنۇتتۇڭ ، بۇنى سەندىن كۆرمەيمەن يەر تىگىدىكى مۇزدەك تۇپراق ئاستىدا تۇرۇپ ساڭا خۇشاللىق تىلەيمەن ، ئۆزۈڭنى ئاسرا ".
| 150 قېتىم كۆرۈلدى | hasnur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-24 19:35:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|