كىچە

كېچە

 

سىنىڭ بارلىقىڭ قۇياشنىڭ يۇشۇرىنىشى بىلەن، گۇزەللىكىڭ سانسىزلىغان يۇلتۇزلىرىڭنىڭ چاقنىشى بىلەن، سىرلىقلىقىڭ ئاينىڭ ئونبەش كۇن يورۇق ئونبەش كۇن قاڭغۇ بولىشى بىلەن.......

سەن قوينىڭغا گاھىدا سانسزلىغان مىسكىن قەلىبلەنىڭ نالىسىنى سىڭدۇرىسەن، گاھىدا خۇشال قەلىبلەنىڭ ناۋاسىغا جۆر بۇلىسەن....

 دىرىزەمدىن قاراۋاتىمەن ... بارلىقىڭدىن خىيالغا پاتتىم... گۇزەللىكىڭنىڭ شاھىدى بولغان سانسىز يۇلتۇزلىرىڭ ئاسمىنىڭدا جىمىرلىماقتا، ئىنساننىڭ بەش بارمىقى ئوخشاش بولمىغىنىدەك ، يۇلتۇزلىرىڭنىڭ بەزىلىرى شۇنچە نۇرلۇق جىمىرلاپ دىلىمنى ، قەلبىمنى يورۇتسا، بەزىلىرى نۇرسىزھەم خىرە ھالدا دىلىمدىكى يورۇقلۇققا قەسىت قىلماقتا.......

 سىرلىقلىقىڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئايغا قاراۋاتىمەن... ئۇنىڭدىن چىققان يورۇقلۇق مىنىڭ روھىمغا ئىللىقلىق بىغىشلاۋاتاتتى...تۇيۇسز "ئاي"نىڭ يۇزىدىكى " داغ "قا كوزۇم چۇشتى جىسمىمنى مۇزلاتتى... ئەمدى پەقەت شۇ قارا ئاسمىنىڭغا قارىدىم....شۇنچە بىپايان... ئەمما قاراڭغۇ... نۇرلۇق- نۇرسىز يۇلتۇزلىرىڭ ، بۇلۇتلار ئارسىغا شۇڭغۇپ ماراۋاتقان ئاي يەنىلا سىنىڭ قوينۇڭدا ئوز قىممىتىنى تاپقان ئىدى...

 زىمىن - قوينىدىكى "ئىنسان "بىلەن گۇزەلدۇر، ئىنساننىڭ ئىچىدىمۇ ھەرخىل ئىنسان باردۇر...ئەمما بەزىلىرى زىمىنغا نۇر چاچىدىغان دىلىمغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان چولپان يۇلتۇز بولسا بەزىلىرى دىلىمنىڭ يورۇقلىقىغا قەسىت قىلغان خىرە يۇلتۇزلاردۇر...

 ئاسمىنىڭغا قاراۋاتىمەن ، ئويلاپ قالدىم. زىمىندىكى ھەر بىر ئادەم بىر يۇلتۇزغا ۋەكىللىك قىلسا، ھەربىر ئادەم ئوز قىممىتىنى تاپسا ، يۇلتۇزىنى ھاياتى«ئادىمىيلىك» گۇزەللىكى بىلەن ئەھمىيەتكە ئىگە قىلسا، خىرە نۇرسز يۇلتۇز ئەمەس بەلكى چولپان يۇلتۇز بولۇپ گۆھەر كەبى چاقنىسا، كىچە ئاسمىنى دىللارنى خىرەلەشتۇرگۇچى ئاسىي نەرسە ئەمەس بەلكى دىللانى نۇر بىلەن تولدۇرۇپ ، مىسكىن قەلىبلەرگە خۇشاللىق بىغىشلىيالايدىغان جەننەت ئىشىكى بولاتتى......

--- *بۇمەريەم 2015.12.7- كىچە«گۇچۇڭ»





317 قېتىم كۆرۈلدى بۇمەريەم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-8 12:44:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ