تەسەللىي
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
ئېسىمدە ھېلىمۇ بالىلىق چېغىم ،
سەبىيلىك ئورنىغان ئاق قاردەك دىلىڭ .
نەچچە قىش ئايازنى ئۆتكۈزسەم سەنسىز ،
كەل ئەكبەر دېيىشكە كەلمىدى تىلىڭ.
تەڭرىم ئۇ قوشنا قىپ ياراتقان بىزنى ،
قاچقۇن قەلبىڭنى خىيالىمنىمۇ ھەم .
كەتتىڭ تۇيۇقسىز يىنىمدىن ئۈنسىز ،
قالدۇرۇپ يۈرەكتە مىليون قايغۇ غەم .
چۈشلەر بىرىدۇ كۆڭلۈمگە دەرمان ،
چۈشۈمدە زاھىر نۇرلۇق سىمايىڭ .
ئازاب يوق زىنھار شۇ چاغ ئاھ جېنىم ،
شۇنچە ئىللىق ھەر بىر نىگاھىڭ .
رېئاللىق ھۇۋلايدۇ تەقدىر كۆكىدە ،
خىيالىم مىسالى بىر پىنھان كېچە .
ئەندىشە قىلاتتىم چوغ سېلىۋېلىشىدىن،
قەلبىڭگە يات بىراۋنىڭ ئوتۇم كۆيگۈچە .
كۆزۈمدە يىغلىماقتا تونۇش ھېكايە ،
سەن بۇنداق سۆيۈشنى كىمدىن ئۆگەنگەن .
دەريالىرىڭدا ئاتەشمەن چوغمەن ،
بولدۇم سەرگەردان ئىشقىڭدا ئۆلگەن .
ئارمىنىم سەن بىلەن ۋىسالغا يەتمەك ،
سۆيىسەن مېنى بىلىمەن گۈلۈم.
ھاياتىم روھسىز تەننىڭ ئىلكىدە ،
سەنسىز ھەر كۈنۈم ، ئۆلۈم ئاھ ئۆلۈم .…
2016. يىلى 2.نويابىر كۈيتۈن
| 56 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-3 1:48:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|