كۆزلىرىمدە قويدۇم ئۇزىتىپ
مۇكەررەم ئەخمەت
بىر پارچە ئوت كۆيدى لاۋۇلداپ،
سەن خوش دىگەن ئاشۇ دەقىقە .
كۆزلىرىمدە قويدۇم ئۇزىتىپ ،
يۈرىكىمدە قالدىڭ ئەبەدكە.
يەنە پىنھان قالدى يۈرەكتە ،
دىيەلمىدىم كۆڭۈل سىرىمنى .
ئۆزئۆزەمنى بەزلىدىم يەنە ،
قارغىش ئويلار ئەزدى دىلىمنى .
كۆزلىرىڭگە چۆككۈم بار ئىدى ،
مۇڭلىرىڭغا جۆر بولۇپ ھەردەم.
پەقەت شۇلا كۇپايە ئىدى ،
كۆزلىرىڭدە ئەكسىمنى كۆرسەم .
تىلىسەممۇ بەخىتلەر ساڭا ،
قويماس كۆڭلۈم سەندىن كىچىشكە .
يۈرىكىمدە يارقىن بىر ئارزۇ ،
رۇجەكلەردىن مارىلار يەنە .
يۈرىكىمنىڭ خوشلاشقۇسى يوق ،
كۈلۈپ تۇرۇپ خوش دىدىم يەنە .
كۆزلىرىمدە قويدۇم ئۇزىتىپ ،
يۈرىكىمدە قالدىڭ ئەبەدكە.
| 124 قېتىم كۆرۈلدى | مۇكەررەم ئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-28 21:44:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|