زىمىندىن لوتپۇلغا خەت (شېئىر) - شرمۇھەممەد.سەيياھ

زىمىندىن لوتپۇلغا خەت (شېئىر)

 شرمۇھەممەد.سەيياھ


ھەي لوتپۇل سەن كىتىپ مىللەت بۇزۇلدى،
قەلبىدە يوق ئىلىم ئىشرەتكە  تولدى.
تۈنۈگۈن    تەمتىلەپ   يۈگۈرگەن   تۇرسۇن،
ھە   بۈگۈن   ئازاپتىن   رومكىنى    ئالدى.

ئىز بىسىپ كەينىڭدىن يۈگۈرگەنلەرمۇ،
يىللارنىڭ قوينىدا ھېرىپمۇ قالدى .
كاراپلار دولقۇننى ئەسلا يارالماس،
ئەۋلادلار روھىڭنى سىنى ئۇنتۇدى.

كىتاپقا ئازايدى ئاشىق بولۇشلار،
قەلەملەر تەۋرىتىپ ئوت بوپ يىنىشلار.
رومكىلار ئالماقتا پوسما تىكەر قول،
خۇشاللىق ئۇنىڭغا ئۈلپەت  بولۇشلار.

پالۋاندەك قامەتلىك قىران يىگىتلەر،
مىشىلداپ قاۋاقتا ئىچمەكتە مەينى.
پادىشاھ بولماقتا چوكان غىتمەكلەر،
قىلىپ  ئۇ  سازايى ئالەمگە ئەلنى .

ھۆرمىتىم ئاشماقتا ساڭا لۇتپۇللا،
ئەمماكى ئەۋلادىڭ لەنەتكە دۇچار.
ئىشرەتتىن قانات ئىپ ئۇچقان ئەۋلادىڭ،
ئاقىۋەت ۋەيرانلىق باغرىغا قونار.

2016.12.26





91 قېتىم كۆرۈلدى xirmamat ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-25 1:22:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ