كۆڭۈل ئىزدەپ كۆڭۈلسز يۈرمە - شېرىنگۈل روزاخون

كۆڭۈل ئىزدەپ كۆڭۈلسز يۈرمە 

 شېرىنگۈل روزاخون


مەيلى يوقنىڭ ئىشقىدا كۆيمە,

ئىشقىۋازنىڭ ئىشقىغا كۆنمە.

ئېچىپ كۆڭۈل ئىشكىنى داغدام,

كۆڭۈل ئىزدەپ كۆڭۈلسز يۈرمە. 


بولۇپ قالما باغدا كېپىنەك ,

مۇھەببەتتە سەييارە يۈرەك.

 يار بولمايدۇ يارىڭدىن بۆلەك.

 كۆڭۈل ئىزدەپ كۆڭۈلسز يۈرمە. 


شائىر بولغىن يارىڭغا بېقىپ,

ساداقەتنى يۈرەككە چىگىپ,

كىملەرنىدۇ قوشاققا قېتىپ,

كۆڭۈل ئىزدەپ كۆڭۈلسز يۈرمە. 


قوش قېيىقنىڭ قاينىمى يامان,

سارغايتىدۇ رەڭگىڭنى سامان,

ۋىجدان سوتى سوراقتا ھامان. 

كۆڭۈل ئىزدەپ كۆڭۈلسز يۈرمە. 


2016/11/4
     





45 قېتىم كۆرۈلدى شېرىنگۈل روزاخون ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-6 0:29:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ