ھەيرانمەن - رىزۋانگۈل ئ‍ابدۇكېرىم

ھەيرانمەن
رىزۋانگۈل  ئ‍ابدۇكېرىم (مودەن)


كۈيۈپ قالار ئ‍ىتتىكلا كۆرگەن ھەر بىرگۈزەلنى،
پەرۋاسىزلا كۆڭلىنى ئ‍ىزھار قىلار ھەيرانمەن.
سۆيگۈ نېمە؟بىلمەستىن ھەۋەس قىلىپ ئ‍ۆزىچە،
يۈرىكىنى يالقۇنغا ئ‍وخشاتقانغا ھەيرانمەن.

تۈكىلىدۇ شىرىن سۆز ئ‍ېغىزىدىن ھەر قاچان،
راس كۆرسۈتۇپ يالغاننى تۇقىغانغا ھەيرانمەن.
سەن مىنىڭكى ھاياتىم، لەيلى بىلەن مەجنۇن بىز،
دەيدۇ لىكىن ئ‍ىففەتكە، قارا سانار ھەيرانمەن.

ھايات دىگەن قەدىرلىك ،جان بەك ئ‍ەزىز ئ‍ىنسانغا،
ئ‍ەگەر بىلسە جېنىدەك قوغدىمايدۇ نېمشقا؟
سۆيگۈ ئ‍ۈچۈن بۇ جېنىم دەيدۇ دائىم تەسەددۇق،
چىن مۇھەببەت قەدرىنى بىلمىگەنگە ھەيرانمەن.

2016-يىل،25-ئىيون .مايتاغ
     





45 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-16 11:45:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ