مۆمىنجان ئابلىكىمگە مەدھىيە (شېئىر) - كىرەمجان

مۆمىنجان ئابلىكىمگە مەدھىيە

   —كىرەمجان


(ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق) چەت ئەللەردە ياڭرىدى،
مىللەت ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئۇزۇن يوللار ئالدىڭىز.
سەنئەت ئۈچۈن توختىماي ئەجىر مېھنەت تەر بىلەن،
ئەل ئاۋاملار قەلبىنىڭ قات قېتىدا قالدىڭىز،

ئۇيغۇر ئۆزبىك ھەم قازاق،تۈرۈكلەرگە ياقتىڭىز،
تەبەسسۇمدا ھەممىگە مېھىر بىلەن باقتىڭىز.
كۆڭۈللەرگە ھەم ئىبرەت، كۈيلىدىڭىز نەسىھەت،
ھەر بىر كۈيدە مىڭ مەنا بىزنى ئويغا سالدىڭىز.

مۇھاببەت ۋە ساداقەت تەرىپلەپ ھەر مىسرادا،
دىلى بىمار ئاشىققا تەسەللىدۇر كۈيىڭىز.
خەلىق سىزنى قوللۇشۇپ ياخشى تىلەك يوللايدۇ،
ئاڭلاپ تۇرۇپ قانمايمىز، ئۈزۈلمىسۇن كۈيىڭىز،

مىجەزىڭىز بەك ياخشى بەكمۇ ئوچۇق كۆڭلىڭىز،
ھەرگىز دەرتتە قالمىسۇن ساخاۋەتلىك قولىڭىز.
ياخشى يولغا باشلايدۇ ئەۋلادىمىز ۋارىسنى،
ئىسىل ئەخلاق پەزىلەت نامى ئۆچمەس ئىزىڭىز.

2017يىلى 4-ئاينىڭ 1.كۈنى

خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ناخشىچى، مەرىپەتپەرۋەر ئوغلانى مۆمىنجان ئابلىكىم ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتمنى ۋە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكىنى ئىپادىلەپ يازدىم.





178 قېتىم كۆرۈلدى kiramjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 22:46:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ