سەن قەدرىمگە يەتمىدىڭ جانان - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

سەن قەدرىمگە يەتمىدىڭ جانان

ئېلىجان ئابدۇكېرەم  بارچۇق ئوغلى

سۆيسەم سېنى دىلدىن يارىمدەپ،
سەن سۆيگۇمگە بەرمىدىڭ ئىمكان.
مېنى تاشلاپ دەرت ئەلەملەرگە،
سەن قەدرىمگە يەتمىدىڭ جانان.

سۆيسەم سېنى بارىمنى بېرىپ،
يۈرەكىمنى تاشلىدىڭ تىلىپ،
ياشيالمىدىم ۋەسلىڭگە قېنىپ،
سەن قەدرىمگە يەتمىدىڭ جانان.

سۆيگۈ بەرسەم سەن بەردىڭ ئازاپ،
سەن بارىمنى قىلدىڭغۈ خاراپ.
ئۆتەرمەنمۇ دەردىڭدە قاقشاپ،
سەن قەدرىمگە يەتمىدىڭ جانان.

سۆيگۈ بولدى دىلمدا ئارمان،
پىراقىڭدا قىينالدى بۇ جان
دەرتلىرىمگە بولمىدىڭ دەرمان،
سەن قەدرىمگە يەتمىدىڭ جانان.

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار 2318334127
     





30 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-22 18:13:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ