دوستۇمغا
مەخسۇم ھىپىز
مەرھەممەت مەۋھۇمدىن تىپىلغان كۈل قىز ،
ئەڭ گۈزەل ئېچىلغان خۇش پۇراق گۇلسىز .
دەيمەن سىزگە قېرىنداشتەك ئۆتەيلى ،
ئىرادەم چىڭ تاغدەك بولسۇن ئۇلىمىز .
ناۋات كەبى شېرىن تاتلىق سۆزىڭىز ،
ئەنگۈشتەردەك نۇر چاچىدۇ يۇزىڭىز .
مەرۋايىتتىن ئوردىڭىز بار كۆڭلۈمدە ،
ئەڭ قىممەتلىك بىرجۈپ قارا كۆزىڭىز .
نېمە ئىكەن بىلسەم سىزنىڭ ئويىڭىز ،
سۇمبۇل چاچلىق زىلۋا ئىكەن بۇيىڭىز .
ئىنتىزارمەن سىزنى بىر رەت كۆرۈشكە ،
زىھنىم سىزدە سۇنىلارمۇ قۇلىڭىز .
گېلىڭىزدىن ئۆتكەن سۇمۇ كۈرۈنەر ،
ئەقلىڭىز لال ھۆسنىڭىزدىن بىلىنەر .
ئاقىللارغا چىن يۈرەكتىن قايىلمەن ،
مەن كۇيۇندىم ماڭا كىممۇ كۈيۈنەر .
رەھمىتىم بار سىزگە دىلدىن مەدىنە ،
ئاۋازىڭىز ماڭا ئوزۇق مەدھ يە .
قاپ يۈرەكلىك بىلەن سىزگە تەكلىۋىم ،
سىزگە كۆيدۈم ماڭا قىلىڭ ئەقىدە .
ئېززەتلەيمەن يېقىنىم دەپ بىلگەچكە ،
زىننەتلىنىپ ماڭا ئىللىق كۈلگەچكە .
چېھرىڭىزدە تەبەسسۇملار جىلۋىلىنىپ ،
ئۇمۇد بىلەن يەنە ئۇرۇن بەرگەچكە .
ئاپتورى: مەخسۇم ھىپىز (ئاققاش)
2017-3-16
| 288 قېتىم كۆرۈلدى | AKKAX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-22 6:06:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|