ۋاي توۋا

ۋاي توۋا

 

ئاپتۇرى:ئېھسان(ئاۋات)

 

 يېقىن يارەن دوسلارنىڭ قېيدىشىغا ۋاي توۋا،

 تۇنۇشمىغان تۇققانىڭ زارلىشىغا ۋاي توۋا.

 يانچۇقىدا لىق ئاقچا «گادايلارغا»ۋاي توۋا،

 ھارام مالغا سېلىنغان سارايلارغا ۋاي توۋا،

 

 ئەتراپىدا گۈللىرى ئېچىلسىمۇ پورەكلەپ،

 گۈلزارلىق نى ئىزدىگەن نادانلارغا ۋاي توۋا.

 بۇغدايلىرى چېچىلىپ قېلىپ قالسا ئېتزدا ،

 باغرىغا ئالغان ساماننى«خامان»لارغا ۋاي توۋا.

 

 نەشتەرلىك شۇ ھەرىلەر ئۈتۈشسىمۇ ئىناق بۇپ،

 ئادەملەرنى چېقىشقان نەشتەرلەرگە ۋاي توۋا.

 ئەل-جامائەت ئالدىدا دوسلىرىنى مات قىلىپ،

 يالغۇز قالسا خالىدا كەمتەرلەرگە ۋاي توۋا.

 

 پەن-تېخنىكا ئىگىلەپ ئىلگىرلىسە بىرلىرى،

 گەپ تاپارغا تەيياربۇپ تۇرغانلارغا ۋاي توۋا.

 زالالەتكە گۇمراھقا كىرىپ قالسا بىرلىرى،

 خۇشال بۇلۇپ چاۋاكنى ئۇرغانلارغا ۋاي توۋا.

 

 ئەنئەننى قالاق دەپ چەتنىكىگە يۈگۈرگەن،

 قارغۇلاچە چۇقۇنغان قابىلارغا ۋاي توۋا .

 ئۆز تىلىنى بىلمەيدۇ ئۆزگە تىلىنى ھەم شۇنداق،

 ئەبجەش تىلدا سۆزلىگەن «ناتىقلارغا »ۋاي توۋا .

 

 ئەسكەرتىش : بۇشېئىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇستازنىڭ شېئىرغا.تەقلىد قىلىنمىدى. پەقەت تىما بىر توغرا چۈشۈنۈڭلار . تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىلەر. 2015/12ئاۋغۇسىت(كەچ)دىيارى ئاۋات ئۈندىدار1410037590/ihsan571633





185 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-13 0:25:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ