كۈلۈپ قويغىن بۇ كۈنلەرمۇ كىتىدۇ ئۆتۈپ (شېئىر) - ياسىنجان كۈسەنى

كۈلۈپ قويغىن بۇ كۈنلەرمۇ كىتىدۇ ئۆتۈپ

      (ياسىنجان كۈسەنى)   

  
ئىنساننىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ نە كۈن،
يەر شارى ئايلىنىپ ئاتماقتا  ھەر تۈن. 
بۈگۈننىڭ كەينىدىن كىلەر ھەم ئۆگۈن، 
چۆكۈپ كەتمە ئازاپقا قىلغىن سەن سۈرگۈن
كۆلۈپ قويغىن بۇ كۈنلەرمۇ كىتىدۇ ئۆتۈپ!

خىياللارغا ھەمدەم بۇلۇپ ئۇچمىغىن ھەريان، 
ئاينىپ كەتسە كۈلپەتلىرىڭ كۆتەرمە غەليان. 
ئۈمۈد بىلەن ياشا ئوغلۇم بولمىغىن ۋەيران، 
نىشانىڭدىن ئازما ھەرگىز يۈرمىگىن سەرسان. 
كۆلۈپ قويغىن بۇ كۈنلەرمۇ كىتىدۇ ئۆتۈپ!

غەملىرىڭ كۆپەيسە كېسەل باشلىنار، 
كېسەلنىڭ دەستىدىن كۆزۈڭ ياشلىنار
ئاجىز بولساڭ بۇ  ئالەم تۇيۇلىدۇ تار ،
شۇ كۈنلەردە جاسارەت ساڭا بولسۇن يار.
ياشا ئوغلۇم بۇ كۈنلەرمۇ كىتىدۇ ئۆتۈپ! 


تاغدىن ئېغىر باشلىرىڭغا  كەلسىمۇ كۈلپەت، 
تاپالمىساڭ ئەتراپىڭدىن ئۆكۈنمە ئۈلپەت. 
كىيىلسىمۇ باشلىرىڭغا قاراڭغۇ زۇلمەت، 
چىداملىق بول قازىنىسەن بىر كۈنى نۇسرەت. 
ياشا ئوغلۇم بۇ كۈنلەرمۇ كىتىدۇ ئۆتۈپ! 

كۇچا ناھىيە بېھىشباغ يېزا كۈكۈش1-كەنت

ياسىنجان مەھمۇت

2010-5-5
     





134 قېتىم كۆرۈلدى yasinjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 0:58:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ