ئانامنى سېغىندىم رەسىمگە قاراپ
پەرھات
شۇنچە سېغىندىم ئاي چىرايىڭنى ،
بىللە چۈشكەن رەسىمگە قاراپ .
ھال مۇڭ بۇلاتتىڭ كىچەيۇ -كۈندۈز ،
كۇكۇل چېچىمنى مېھىرلىك تاراپ .
تاڭلار يۇرىماس خىيال ئارىلاپ ،
بىللە چۈشكەن رەسىمگە قاراپ .
سەن يوق يانىمدا مېھرىبان ئانا ،
ھالىمنى بىرەي كىمگە زارىلاپ .
ھەر بىر سۈيۈشۈڭ سېغىندىم شۇنچە ،
قارا كۈزۈمدىن تۈكۈلۈپ ئۈنچە .
ھىچبىر ھالىم يوق تا يۇمۇلغىچە ،
كەلسەڭچۇ ئانا قىينىماي بۇنچە .
ئانىسى يوق ئۆي بەئەينى چۆللۈك ،
باسقان قاقاسلىق يۇقالغان گۈللۈك .
ئازابى بۇنىڭ تۈمەن مىڭ تۈرلۈك ،
ئانامنى سېغىندىم رەسىمگە قاراپ.
| 33 قېتىم كۆرۈلدى | پەرھات | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-26 14:57:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|