ئىزدىمە مىنى

ئىزدىمە مىنى

 

ئەيسا تۇنياز

 

 ئىزدىمە ئەزىزەم مىنى قايدا دەپ,

 قايتمايمەن يېنىڭغا ئەمدى مەن قايتا.

كۈتكەنتىم مەن سەندىن ئەقىدە ۋاپا,

بەرمىدىڭ ئەمدى مەن كەتتىم يىراققا.

...... . . . . . . . . .

ئىزدىدىم سىنىڭدىن ھەققى سۆيگۈ,

 بىلدىمكى ئىكەنغۇ ھەممىسى ساختا.

 قولوڭدا يۈرەگىم گويا ئويونچۇق,

قالدۇردۇڭ سەن ئۇنى ئازاپ پىراقتا .

 

 يوق ئكەن قەلبىڭدە سەمىمى نىيەت,

 ساختكەن سۆزلۈرۈڭ, سۆيگۈڭمۈ ھەتتا.

 كۆرمۈدۈم قەلبىڭدىن ئىمان ھەم ئىپپەت,

 پۇل ئۈچۈن ياشايسەن, ئۆلۈسەن ھەتتا .

 

ئىزدىمە ئەزىزەم ئىزدىمە زىنھار,

ساقلانماس بىر يەردە چوغ بىلەن پاختا .

 بىلمەيسەن بىر ئۆمۈر ھەققى سۆيگۈ,

بولغاچقا بېشىڭدىن پۇتقىچە ساختا.

 

 ئارزۇيۇم بېرىشتى مەڭگۈلۈك بەخت,

 ئۆكۈندۈم ۋە لىكىن ئۇشبۇ ئارزۇغا.

 بەربات قىلدىڭ قەلىپتە كۈتكەن ئۈمۈتنى,

تىگىشتڭغۇ بەختىڭنى ئېغىر گۇناغا.

 

ھار كەلدى يۈرەككە ساختا سۆزلۈرۈڭ,

تولدۇردۇڭ قەلبمنى ئاچچىق ئازاپقا.

سەن ئۇچۇن سوقمايدۇ ئەمدى بۇ يۈرەك,

 خەير خوش ئەزىزەم كەتتىم يىراققا.





146 قېتىم كۆرۈلدى ئەيسا تۇنياز ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-20 10:29:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ