يىللارغا... قادىر ئابلەت

 يىللارغا....
قادىر ئابلەت

تۈنۈگۈنلا ئىدىم بىر بوۋاق،
بۈگۈن بىشىمدا،
سانسىزلىغان ئاق.
بۇ يىللارنىڭ سوۋغىسىمۇ؟
ياق،ياق...
بۇ يىللارنىڭ ھەيۋىسى شۇنداق.
مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ يىللار؟
باشلىرىمغا سانجىپ سانسىز ئاق،
ۋاي، ئايلىناي قورۇقلىرىڭدىن
كۆرەڭلەپ كەتمە،
بوينۇڭغا بىر تازا قاراپ باق،
يۈسۈپ خاس ھاجىپ،
مەھمۇد قەشقەرىي
يەنە.....
سىلىپ قويدى بوينۇڭغا تاقاق،
نوچى بولساڭ ئۇنى ئىلىپ باق.
مەنمۇ بىر كۈن سالىمەن چوقۇم
ئۆلۈم بىلەن قورقۇتالمايسەن،
قورۇق بىلەن ھەم،
بىشىمدىكى ئاشۇ ئاقلىرىڭ،
مەن ئۈچۈن ئۇ ئاق رەڭلىك بوياق.

2016-11-29 قارىقاش
     





107 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 23:57:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ