ئۈنسىز كىتەرمەن (ناخشا تېكىستى ) -ئۇيغۇربېك
ئۈنسىز كىتەرمەن 

 -ئۇيغۇربېك - 

يۈرۈكۈمدىن سۆيسەم كەلمىسەڭ،
مەن پىنھانە ئۈنسىز كىتەرمەن.
يۈرۈكۈڭنى ماڭا بەرمىسەڭ،
مەن يىگانە ئۈنسىز كىتەرمەن .

سەنسىز دۇنيا مەن ئۈچۈن لەھەت ،
كۈلكەڭ بىلەن تاپىمەن راھەت،
مەن يېنىڭدا تۇرسام كۈلمىسەڭ ،
شۇ باھانە ئۈنسىز كىتەرمەن .

سۈيۈپ قالغان يۈرەكتە گۇناھ،
ئۆز قەدرىگە تاپالماي پاناھ،
قەدىرلىسەم قەدرىم بىلمىسەڭ،
مەن بىگانە ئۈنسىز كىتەرمەن.

ئۆگىنىمەن كۆڭلۈم ئاياشنى،
قىممىتىمنى تۇنۇپ ياشاشنى،
چىن دىلىمدىن سۆيسەم سۆيمىسەڭ،
بىل جانانە ئۈنسىز كىتەرمەن . 

چ چ:64831641




119 قېتىم كۆرۈلدى uyghurbek ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-6 10:11:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ