ماي ئېيىدىكى سەلكىن شامالدا

ماي ئېيىدىكى سەلكىن شامالدا....

 

 ماي ئېيىدىكى سەلكىن شامالدا،

گۈل-چىچەكلەر تولغان دالاغا.

 بىر-بىرىنى قوغلىشىپ غەمسىز،

ئۇچۇپ يۈرەر قۇشلار سامادا.

 

 ماي ئېيىدىكى، مەيىن شامالدا،

بەكمۇ مۇڭلۇق بىر كۈي يىراقتا.

 لىرىكىغا ئايلىنىپ ھەممە،

سىڭىپ كىتەر بىر-بىرلەپ ئاڭا.

 

ئۈمىدلەر جۇش ئۇرغان شامالدا،

 ئاشۇ غۇۋا ، يىراق ئۇپۇقتا.

نىگارىم سەن كىلىۋاتقاندەك،

 قۇچاق ئېچىپ، خوشال سىياقتا.

 

 ۋاقىت ئۈتەر ئوخشاشلا ئەمما،

 قالدىم يەنە مەن يالغۇزلۇقتا.

گۈللەر ئارا جۈپ-جۈپ كىپىنەك،

 خىيالىمغا بۇلىدۇ ھەمرا.

 

سېغىنىشلار تولغان شامالدا،

 ئېھ ، نىگارىم قايدا سەن قايدا.

 ئەتراپىمدا قىپقىزىل گۈللەر،

شوخ دولقۇنلار يىتەمدۇ ساڭا.

 

 ئاشۇ ئىللىق، سەلكىن شامالدا،

پەقەت مۇشۇ يۈرەكتىن باشقا.

ئۇنتۇپ گويا قايغۇنى تامام،

 ھەممە نەرسە تولغان شادلىققا.





143 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 17:00:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-2 22:36:09 سەيدۇللا
بۇ تىما راسلا ياخشىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ