كۇپايە - ​ فەرۇق ئۇدۇنى

كۇپايە
‏      
  فەرۇق ئۇدۇنى

‏ئۇيقۇدىن ئاراملىق تېپىلارمۇ ھېچ،
‏ئەلەمسىز بىر يۈرەك بولسا كۇپايە.
‏بۇ ئەنسىز يۈرەكلەر سوقۇشارمۇ تېنچ،
‏مەڭگۈلۈك بىر ئۈچەك بولسا كۇپايە...

‏نامراتلىق كېرەكمۇ مىسكىنلىك ئۈچۈن،
‏روھلاردا سەرسانلىق بولسا كۇپايە.
‏ئۆلۈك تەن كېرەكمۇ كېپەنلىك ئۈچۈن،
‏دىللاردا ۋەيرانلىق بولسا كۇپايە.

‏پىغانچۈن كۆز يېشى كېرەكمۇ زىنھار،
‏قەلبنى ئېقىتقان سەللەر كۇپايە.
‏ئازابتا ئۆلۈشچۈن كېرەكمۇ يىللار،
‏نەشتەردەك سانجىلغان دەملەر كۇپايە.

‏سۆزدىلا ئاشكارە بولغايمۇ مەقسەت،
‏سۈكۈتتە چاقنىغان كۆزلەر كۇپايە.
‏كۆز سۆزى ئاڭلاشقا قۇلاقمۇ ھاجەت،
‏قەلبتىن قەلبكە ئۆزلەر كۇپايە...

‏2016.9.27


     





73 قېتىم كۆرۈلدى فەرۇق ئۇدۇنى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-10 0:23:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ