خىيالدا قوشۇلغان تىنىق - نۇرئەلى مەمەت كۆكلەم

خىيالدا قوشۇلغان تىنىق

 

 ئاپتۇرى: نۇرئەلى مەمەت كۆكلەم

 

 بەك يىراقتا كىچە قوينىدا،

چاقىرماقتا مىنى بىر ۋىسال.

 نەدە بولسۇن شۇنداق ياخشى ئىش،

 بۇ مەندىكى ئەپسانە خىيال. 

 خىياللىرىم شۇڭغۇيدۇ ئاستا،

ۋىسال كۈتكەن ئاشۇ ئاخشامغا.

 مەن پەرۋانە بولسام يىنىڭدا ،

 سەن ئوخشايتىڭ ئاشۇ ئاق شامغا.

لەۋلىرىڭدىن تارقىلىپ باھار،

كۆڭۈللەردە ئىچىلغان ئارمان.

 قوللىرىڭدىن چىققان ھارارەت،

 ئاشىق دىلغا بولغانتى دەرمان.

ئوقيا كەبى شۇ كىرپىكلىرىڭ،

 يۈرىكىمنى قىلغانتى قامال.

تەسلىم بولدۇم سۆيگۈم ئالدىدا،

 سۆيمەسلىككە تاپالماي ئامال.

سۇمبۇل كەلگەن چاچلىرىڭ چىرماپ،

مىنى ئاستا ئالغان قوينىغا.

سۆيگۈمىزنىڭ تىلتۇمارىنى،

شۇ چاغ ئاسقان ئۇنىڭ بوينىغا.

خىيالىمدا يەتتىم ۋىسالغا ،

 سۆيگۈلەردىن قوشۇلغان تىنىق.

 ئىچمەك بولسام سەن مەن ئۈچۈن چاي،

چىن سۆيگۈدىن دەملەنگەن قىنىق.





90 قېتىم كۆرۈلدى nurale123 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-25 23:09:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ