يارىم مېنىڭ بارىم
ئىزلىدىم رەيھان ئارا قەلبىم سۆيگەن لەيلىنى، كۆزلىرىم ئۇتماق بولۇپ شۇ يارىمنىڭ مەيلىنى. كەلدى ياردىن بىر خىتاب كەل ئۆت مەھەللەمگە دەپ، يارنىڭ ۋىسالىغا خۇشاللىقىم ياراشتى زەپ. كەپتەر بوپ ئۇچسام دەيمەن يار مەكتۇبىنى ئېلىپ، ئۇچقاندا قاشى قارا يارنى خىيالغا سېلىپ. گۈللەر ئارا سايرىغىنى بۇلبۇلدەك مېنىڭ يارىم، بىلىنەر ھايات تەمى چۈنكى ئۇ مېنىڭ بارىم.



35 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-21 11:44:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ