كۆيۈش بىر - ئايشەمگۈل قادىر

  كۆيۈش بىر

ئايشەمگۈل قادىر


كۆزلەر ئىككى كۆرۈش بىر،
سۆزلەر  تولا  سۆيۈش بىر.
ھەر  يۈرەكتە ئوت كۆيەر،
لېكىن  مەڭگۈ كۆيۈش بىر.

كۆيەلمىسە شۇنداق چىن،
داۋان  بولار  ياتقان  قىر .
مۈشكۈل بولغاچ شۇ يولدا،
شەيدا تولا ئاشىق  بىر.

شۇ ئارىدا  ھەر  ئىنسان،
كۆيگەن بىلەن كۆڭلى سىر.
قەسەمچى كۆپ يارئۈچۈن،
ۋاقتى كەلسە ئۆلگەن بىر.

ئشىق  يولى  ئۇزاق  يول،
ۋايساپ قالار قەلبى كىر .
جاندىن  كېچىپ  جانانغا،
شۇڭا دائىم  يەتكەن  بىر.
     





26 قېتىم كۆرۈلدى ئايشەمگۈل قادىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-14 10:03:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ