قاپاق - مۇھەممەتجان ئ‍ەخەت

         قاپاق

دۇنيا- ئانچە قاملاشمىغان بىر قاپاق...
كونا تۈگمەننىڭ سۇنۇق بۇرغۇيىدەك،
ئاۋات ئ‍ۇلاغ بازىردىكى قايناق ئاۋازدەك،
بىزمۇ قاملاشمىغان ئ‍اھاڭدا غوڭۇلدايمىز ،
بۇنىڭ ھەممىسى تەلىيىمىز يا كېلىشمەسلىك ...
بارچە ئ‍ەلەمنى خالاپ-خالىماي تارتىپ قالىمىز،
قانداقلا بولمىسۇن تارتقىنىمىز تارتقان ...
كونا بەڭگى
دەرت بىلەن خۇشاللىقنى ...
شەيدايى قاپاقتا بىر تارتىپ پۇخادىن چىققاندەك...

بىزمۇ ھامان پۇخادىن چىقىمىز،
يا ئۆلۈم يا كۆرۈم...

مۇھەممەتجان ئ‍ەخەت (پېقىر )

2016-11-23
     





142 قېتىم كۆرۈلدى pekir ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-27 22:53:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ