ئوتلۇق غايەم نۇرانە ماياك
سەرۋەر مۇھەممەت سايرامى
كەتكەنلەرنى يىغلاپ ئۇزاتتۇق،
كەلگەنلەردىن سۆيۈندۇق ھەر يان.
مېھرىمىزنى تاڭلارغا چاتتۇق،
باغرى قانماي كەتتى نى ئىنسان.
داۋاننىمۇ ئېگىز دەپ بىلىپ،
چۈشەنمەستىن بەزىلەر زارلار.
نىمە ھاجەت چېكىش پۇشايمان،
ئەيلىمەستىن شىجائەتنى يار!؟
باغرىم ياندى بىلىم ئىشقىدا،
ئەكس ئەتتى چېھرىمگە شادلىق.
قىلسام ئەلنى ئەجرىمدىن رازى،
ئاچار قۇچاق جۇشقۇن ھاياتلىق.
ئۈمىد بىلەن ياشايمەن مەغرۇر،
بەختىم شۇكى ، ھېسلىرىم ئويغاق.
ئوتلۇق غايەم نۇرانە ماياك،
شۇڭا ئىقبال مەنزىلىم پارلاق.
(ئاپتور: بورتالا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )
47 قېتىم كۆرۈلدى | sayramikezi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-20 2:55:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|