تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جېنى (شېئىر) - ئالىمجان راخمان

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى

ئالىمجان راخمان (خۇشخۇي)


مالاي كۆرمە،ئىشلىتىپ يىمە،
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
لوقمان كەبى ياشايدۇ دىمە،
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.

خىزمىتىڭگە تۆرەلگىنى يوق،
قوپال تەگمە،قىلما تولا دوق،
يىقىتمىسۇن گىپىڭ بولۇپ ئوق،
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.

قورسىقىڭ توق،كىيىمىڭ پۈتۈن،
قانائەتلىك بولمايسەن نىچۈن؟!
چىقارمىغىن بىشىدىن تۈتۈن،
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
گاھ نەمدىلەر يۈزلىرى ياشتىن،

گاھى قۇسۇر تاپىسەن ئاشتىن،
پۈتۈلگەنمۇ يۈرۈكۈڭ تاشتىن؟!
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
بىرچاغ ئۇمۇ زىبا ئاي ئىدى،
سەندەك غەمسىز ئەركىن تاي ئىدى،

بىل،شۇلاردىن نىمە ئايرىدى؟!
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ…جېنى
تۇرار ئۇ تاڭ يورۇماي تۇرۇپ،
تاماق ئەتمەس سورىماي تۇرۇپ،

ئويلا،بويۇن تولغىماي تۇرۇپ!
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
ھەمدەم بولماي ئىشىغا تۈزۈك،
قىلىپ قويدۇڭ جاپاغا كۆنۈك،

قارا،ئەپتى ياش تۇرۇپ خۇنۈك،
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى،
ئامراق دىمە سەن ئۇنى تۆشكە،
ئۆچ ئەمەستى ئاناڭمۇ گۆشكە،
ساڭا بەردى يىمەي نىمىشكە؟؟

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
قىشتا قالساڭ ئۆيۈڭگە كەچكە،
ئوت ياقىدۇ ئالدىراپ مەشكە،
قەرزى يوقتى بۇنى ئۆتەشكە،

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
سىرتقا چىقساڭ قىلىن كەي دەيدۇ،
سوغۇقلاردا ئۆيگە ھەيدەيدۇ،
خىيالىڭغا نىچۈن كەلمەيدۇ؟!

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
باقتى سىنى بويۇن قىستۇرماي،
كۆيۈك قىلماي،ياكى توڭدۇرماي،
جاپايىڭغا كەلدى ئاھ ئۇرماي،

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
قارا،جۇل-جۇل ئۈستىگە ئۇنىڭ،
قورۇق باسقان يۈزىگە ئۇنىڭ،
خىرەلەشكەن كۆزىگە ئۇنىڭ،

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
قاينىمى يوق ئۇنىڭ ئاقمىغان،
ئەلىمى يوق ئۇنىڭ تارتمىغان،
ئىشىگى يوق ئۇنىڭ قاقمىغان،

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
ئەجرى بىلەن يىتىلگەنتىڭ ئۇز،
ئۆز قولىدا يىگەن ئىدىڭ تۇز،
ياغدۇرمىغىن چىرايىڭدىن مۇز،

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
بەگ بولساڭمۇ ئاڭا غادايما،
قەھرىڭ چاچما،سىلكىپ ئالايما،
ھۇشۇڭنى يىغ!ئەقلىڭدىن تايما!!

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
گۇناھ ئەمەس سىنى باققىنى،
بەختىڭنى دەپ ھەريان چاپقىنى،
سىنىڭ دائىم،ئۇنىڭ تاپقىنى،

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
دۇنيا بىزنى مىھمان ئېتىدۇ،
ئۆلۈم چەكسىز،كەڭرى يىتىدۇ.
ئەۋلىيامۇ ھامان كىتىدۇ،

تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.
تۇل قالمىسۇن يەتمىش يىشىدا،
تۇرۇپ بەرگىن قاچماي قېشىدا،
«ئاھ!»مۇ دەيسەن تۇپراق بېشىدا،
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.

رازى قىلغىن،دۇئاسىنى ئال،
ھەمراھ بولغىن،يانلىرىدا قال،
قوپال تەگمە،تىلىڭ بولسۇن بال،
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنىڭ جىنى.

خۇشخۇي @2017يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى  





277 قېتىم كۆرۈلدى ئالىمجان راخمان (خۇشخۇي) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-9 16:22:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-29 8:56:04 ئوتقاش
نۇمۇس قىلڭ ھوي خەق ،بۇ ھۆسەنجان سەھراينڭ ،ئەسەر ئوغۇرلمايلى ھە، ئاپتۈر ئەمگكگە ھۆرمەت قىلايلى
2017-3-14 18:03:35 ئ‍وتقاش
نۇمۇس قىلماي منڭ،دىگۈچە ئ‍ۆلۋالساڭ بولمامدۇ؟ئ‍ېست ساڭا…بۇئ‍ەسەرنىڭ ئ‍ەسلى ئ‍اپتۈرىى،ھۆسەنجان سەھرايى،دوسلار،بۇ،ئ‍ەسەر،ئ‍وغرىسكەن.
2017-3-14 6:30:21 ھەققانىيەتچى
بۇ قانداق ئەسەر يىزىش بولسۇن تەييار شېئىرنىڭ ئۇ يەر بۇ يىرنى ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇپلا يوللىسا بۇلامدىكەن ئاز تولا ھايا قىلىشنى ئادەم بۇلۇشنى بىلىڭلا ئەسەر يوللاش ئاۋۇي ئەمەس بەك يازغۇڭلا كەپ كەتسە ئۆزۈڭلا ھەقىقى يىزىڭلا نىمە بۇ قاملاشمىغان بۇ ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ