يار تەشۋىشى - ئ‍ابدۇللا كامال(گۇما)

يار تەشۋىشى
ئ‍ابدۇللا كامال(گۇما)
2098738086

يارىڭ يالغۇز ئ‍ازاپتا يانسا،
زەپ يامانكەن بۇنىڭ ھىجرانى.
تارتىشقا ۋاي بولسىچۇ چارەم ،
مەنلا بەرسەم  ئ‍ۇنىڭ ھىسابى.

نىمە كۈلپەت كەلدى يار ساڭا ،
تەڭ كۆرەلمەي چەكتىمغۇ ھەسرەت.
خوشلىقىڭدا  بولالمىساممۇ،
ئ‍ارزۇيۇم سەن كۈلسەڭكەن پەقەت.

ئ‍ازابىڭغا بولدۇم سەۋەپكار،
بىشىڭ غەمدە قالغاندۇر بەلكىم.
غەملىرىڭگە بولاي تەسەددۇق،
سىنىڭ دەردىڭ مەن ئۈچۈن ئ‍ۆلۈم.

سۆيگەنلىرىڭ ھەقلىققۇ مىنى،
باسالمىدىم باغرىمغا ئەمما.
بەلكىم مەڭگۈ كىتەرمەن يىراق،
ئ‍ۆلسەم  ياكى   زىنھار ئۇنۇتما.

قالدۇرمىغىن ئ‍ۆزەڭنى دەرتتە،
ئ‍ازابىڭغا قالقان ئ‍ەت مىنى.
ئ‍ازابىڭدا كۈلۈپ يۈرسەم مەن،
ئ‍ىتقا بەرسۇن بۇنداق سۆيگۈنى.

ئەزىز قىرىندىشىم، ئ‍ەسەرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، ئ‍ەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ، نامىمنى ئ‍ۆچۈرمەڭ  ياكى نامىڭىزغا كۆچۈرمەڭ.  ھۆرمەت بىلەن ئابدۇللا.
2016-7-25
     





67 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇللا كامال(گۇما) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-9 10:55:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ