يالغۇزلۇق - ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن

يالغۇزلۇق

 

ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن

 

كۆل بويدىدا كىتىپ بارىمەن

قەلبىمدە يامرايدۇ بۇ شۇم يالغۇزلۇق

شۇنچىلىك كۆرەڭلەپ مەغرۇر ھالەتتە

ئەتراپىمدا شۇنچە كۆپ ئادەم  

 يول تالىشىپ ماڭار ئالدىراش 

خۇددى بۇ يول تۈگەپ كېتىدىغاندەك 

شۇنچىلىك كۆپ ئادەم تۇرسىمۇ 

مەن شۇنچە يالغۇزمەن شۇنچە بىچارە 

ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاۋارە 

 

كىملەرگىدۇ تېلغۇن ئۇرۇپ باقتىم 

يالغۇزلۇقۇمغا داۋا تاپاي دەپ

يالغۇزلۇقنى يالغۇز قۇياي دەپ

ئۈمىد بىلەن دوسلۇرۇمغا تېلغۇن قىلدىم

ئۇلاردىن نە كۈلكە مۇھەببەت ئىزلەپ

تۇنۇشلارغا ھەم ئۇچۇر قىلدىم 

ئۇلاردىن ئادىمىيلىك بۇرۇچنى تىلەپ…

ئەپسۇس…

ئۈمىدلىرىم يەكسان بولغانىدى 

گويا ھەممىسى يالغۇزلۇقۇمنى تەنتەنە قىلۋاتقاندەك 

بىر چەتتە تۇرۇپ مېنى بېچارىلەرچە مەسخىرە قىلۋاتقاندەك

قالدىم ئاخىرى يەنە ئۈزۈم يالغۇز

يالغۇز كېلىپ يالغۇز كەتكەندەك…

 

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى

     





34 قېتىم كۆرۈلدى kutteken ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-16 11:09:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ