ساقلاپ تۇرغىن بىر كېچە
ساقلاپ تۇرغىن بىر كېچە

 گۈلنىگار  مەترۇزى

 سېغىنىشىڭ كەلدى خەت بىلەن ،
 قىلىپ يۈرۈگۈمنى پارە-پارە .
ساقلاپ تۇرغىن بىر كېچە يارىم ،
ئ‍ۇچۇپ بارىمەن يېنىڭغا ئ‍ەتە .  

مۇڭداشقۇم بار سەن بىلەن دېدىڭ ،
 مەن بارىمەن مۇڭدىشىش ئ‍ۈچۈن .
 يانلىرىڭدىن كەتمەيمەن مەڭگۈ ،
 ساڭا ۋەدە بېرىمەن بۈگۈن .

 دېرىزەڭدىن قاراپ يولۇمغا ،
 كۆكتىكى قۇشقا قىلمىغىن نالە .
 يۈرۈگۈڭنى قولۇڭغا ئ‍ەپ تۇر ،
 ئ‍ېلىۋالاي بارسام مەن نەگە .

 قىلالمىسام ۋەدەمنى ئ‍ادا ، 
رەنجىمىگىن بىزگە ئ‍ارتۇقچە .
 يۈرۈگۈڭ يار ماڭا تەئەللۇق ،
 چىڭ تۇتىمەن تاكى ئ‍ۆلگۈچە .

 2016-1-5 كېچە




798 قېتىم كۆرۈلدى nigarhan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-5 2:55:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ