ماڭا پۇل كېرەك (چاچما شېئىر) - مۇختار ئابلىز

ماڭا پۇل كېرەك
مۇختار ئابلىز (كۈنەس ئارالتۆپە)


ماڭا پۇل كېرەك نۇرغۇنلىغان ،
بولسا ماڭا .
فىرئەۋىننىڭ قەبرىسىنى كۆرسۈتۈپ قويۇڭلار ،
مەيلى ئۇ تەسەۋۇردىن يىراق بولسىمۇ.
سۇلايماننىڭ خەزىنىسى ياكى ،
«قارامەرۋايىت» چۆككەن جاي بولسىمۇ.
«ئۇلارغا »يېتەرمۇ؟
مەن ئاچكۆز ئەمەس!
پەقەت يۈرەكتىكىلىرىمنى قايتىدىن.
يۈرەككە سولىۋالاي خالاس!
ئۇلار ۋىجدان ئەلگىكىدىن تاسقىلىپ.
پۇل ئۈچۈن ئەلگەك تۆشۈكلىرىگە ،
ئۆزىنى ئاتتى.....
ئۇلارنى توسماق بولۇپ تۆشۈكلەرگە مېھرىمنى ،
كەپشەرلەپ قويدۇم.
خەتەرلىك دېگەن تاختىلارنى ئاسساممۇ ،
تىزىغا يۈكلەنسەممۇ.
ئۇلارنىڭ تەبىئيىتى مېنى ،
بەرىبىر يەكسان قىلدى .
ماڭا پۇل كېرەك !
ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئاقكۆڭۈللىكىنى ،
سېتىۋالاي !
زەيپانىلىك قاپلىغان تېنىنى،
قايتىدىن ھېلىقى دەريا بويىدا .
بىر-بىرىمىزنى لاي بىلەن يۇيغاندەك،
زەم زەم بىلەن يۇيۋالاي.
ماڭا پۇل كېرەك ،
ئۇلارنى ئۆتمۈشكە ئېلىپ كەتكۈدەك.....

     





480 قېتىم كۆرۈلدى kanan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-16 7:10:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-18 18:37:14 yusup
ma ga pul ki rak bak lam yag xi yizilip tu bak isil
2017-3-18 5:08:35 sabra
说的很好
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ