ئارزۇيۇم
ئابدۇۋارىس ئوسمان
نىشان ئارزۇيۇم باغلاندى خەلقىمگە،
گۈزەل ئارزۇلار پۈكۈلدى قەلبىمگە.
«خەق» دىگەن سۆز يوق خاتىرەمدە ،
«خەلقىم» دەپ پۈكىۋالدىم قەلبىمگە .
خەلقىم ئۈچۇن ۋىژدانىم يەكسان بولسا ،
ئاھ ئۇرمايمەن قىلغىنىم شەرەپلىكتۇر .
خەلقىم ئۈچۇن ئەرزىيەت چىكىش كەلسە ،
ماڭا كەلگەن غەنىمەت شەرەپلىكتۇر .
مىخ بولۇپ كۆرۈندۇم ئاقچىنىڭ كۆزىگە ،
ھەم سىغىپ باقمىدىم ناداننىڭ كۆزىگە .
نىمىشقا دەپ سورىما قېرىنداش چۈنكى ،
شەيتان ھاجەت قىلغان ئۇلارنىڭ كۆزىگە.
ئاقچى-كۆكچى ھەمىسى نۇمۇسسىز كىشى ،
ئۇلار كۆڭلىدە ھەممىمىز ئەخمەق كىشى .
مەيلى ئەخمەق كالۋا ئالدامچى بولسام ،
نىشانىم مۇستەككەم مەن مۇشۇنداق كىشى .
ھەق ئۇچۇق كۆرسىتىلىىپ بولغىلى نى كەم ،
ھەر نەرسە تۇلۇق بولدى تۇرمۇشتا نىم كەم .
گەر كۆپ كام دەپ ئويلىساڭ تۇرمۇشۇڭدا ،
بىلگىن ئەقىدە شۈكرى قانائىتىڭ كەم .
ئارزۇيۇم خەلقىمدە ئاقچىلار بولمىسا ،
يىتەرلىك ئىس-تۈتەكلەر مۇرىدىن چىقسا .
يىتەرسىز بۇ سۆزۇم نادانلار بولمىسا ،
مىڭ دىسەممۇ چۈشەنمەس ئەقىل بولمىسا .
2016.11.16
| 260 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-17 15:00:36 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|